Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 5:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 قەلبىم تەلپۈنەر ئىسرائىللارنىڭ سەركەردىلىرىگە، مايىلدۇر ئىسرائىللارنىڭ پىدائىيلىرىغا. ئېيتىڭلار ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا!

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 5:9
11 Referans Kwoze  

«سەردارلار يول باشلىدى ئىسرائىللارغا، خەلق ئۆز رايى بىلەن ئەگەشكەچكە ئۇلارغا، ئېيتىڭلار ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا!


شۇ سەۋەبتىن، سىلەرنىڭ بېرىشكە ۋەدە قىلغان مەردلەرچە ئىئانەڭلارنى ئالدىنئالا تەييار قىلىشىڭلار ئۈچۈن، بۇ قېرىنداشلارنىڭ يېنىڭلارغا بىزدىن ئاۋۋال بېرىشىنى زۆرۈر تاپتىم. شۇنداق بولغاندا، ئىئانەڭلارنىڭ تەييارلانغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمەس، بەلكى رازىمەنلىك بىلەن قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


تىتۇسنىڭ يېنىڭلارغا بارماقچى بولغىنى پەقەت بىزنىڭ تەلىپىمىز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆز ئىختىيارى ۋە سىلەرگە بولغان قىزغىنلىقى بىلەن بولدى.


بىر كىشى رازىمەنلىك بىلەن چامىسىنىڭ يېتىشىچە بەرسە، بۇ ئىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. خۇدا ھەرگىزمۇ بىركىمدىن ئۆزىدە يوقىنىمۇ بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ.


خەلق چىن دىلىدىن خۇداغا ئاتاپ ھەدىيە بەرگەن بۇ ئادەملەردىن سۆيۈندى. پادىشاھ داۋۇتمۇ خۇرسەن بولدى.


ئۈچىنچى تۈمەنبېشى زىكرىنىڭ ئوغلى ئاماسيا بولۇپ، ئۇ 200 مىڭ خىللانغان قوشۇنغا باشچىلىق قىلاتتى. ئۇ پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن تىزىمغا ئالدۇرغانىدى.


خەلق يېرۇسالېمدا تۇرۇشقا رازى بولغانلارغا بەخت-سائادەت تىلىدى.


خىزكىيا ۋە ئەمەلدارلار دۆۋىلىنىپ كەتكەن ھەدىيەلەرنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇشتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا بەخت تىلەشتى.


ئىگىمىزگە ھەمدۇسانا ئېيتقىن مېنىڭ ئەي قەلبىم، ئۇنتۇمىغىن خۇدانىڭ شەپقىتىنى ھەر دائىم.


سەن جەڭ قىلىدىغان كۈنى قوشۇنلىرىڭنى يىغقاندا، تەقۋادارلىرىڭ چىقار ئۆز ئىختىيارلىقىدا. سۈبھىدە كېلۇر نەۋقىرانلار ئالدىڭغا، خۇددى شەبنەم چۈشكەندەك سەن تۇرغان تاغقا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite