Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 5:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ساختا ئىلاھلار يەڭگۈشلىنىپ، جەڭلەر بولدى قوۋۇقلاردا. نەيزە-قالقان كۆتۈرگەن بىرمۇ لەشكەر يوق ئىدى ئەسلا، قىرىق مىڭ ئىسرائىل قوشۇنىدا.

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 5:8
8 Referans Kwoze  

لېكىن ئىسرائىللار بۇ سەردارلارغىمۇ ئىتائەت قىلماي، پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇندى ۋە سەجدە قىلىشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يولىنى تۇتماي، تېزدىنلا بۇ يولدىن يۈز ئۆرۈدى.


ئۇلار ئۆزلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ۋە ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىدى. ئەتراپىدىكى خەلقلەر چوقۇنىدىغان بائال ۋە ئاشتورەت دېگەن بۇتلارغا چوقۇنۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلەپ نالە-پەرياد قىلدى. چۈنكى يابىننىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن 900 جەڭ ھارۋىسى بولۇپ، ئۇ ئىسرائىللارغا 20 يىل رەھىمسىزلىك بىلەن زۇلۇم سېلىپ كەلگەنىدى.


مەن دىبورا كېلىپ ئانا بولغۇچە ئىسرائىللارغا، چۆللىشىپ سەھرالار، بىر كىشىمۇ قالمىغانىدى ئىسرائىلىيەدە.


ئاڭلاڭلار قۇدۇق بېشىدىكى سازچىلارنىڭ نەغمىسىنى، ئۇلار بايان قىلغان پەرۋەردىگارنىڭ غەلىبىسىنى، ئىسرائىل دېھقانلىرىنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتقىنىنى. يېتىپ كەلدى قوۋۇقلىرىغا پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى.


بۇ خەلق مەندىن ۋاز كېچىپ، بۇ جاينى بۇلغىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن. ئۇلار بۇ يەردە ئۆزلىرى، ئەجدادلىرى ھەتتا يەھۇدىيە پادىشاھلىرىمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى قىلدى. ئۇلار بۇ جاينى گۇناھسىز بالىلارنىڭ قانلىرى بىلەن بويىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite