6 يائېلنىڭ دەۋرى _ ئانات ئوغلى شامگارنىڭ زامانىدا، ئۆتمەيتتى كارۋان بۇ يەردىن، ماڭاتتى يولۇچىلار چىغىر يوللاردا.
يوللار تىمتاسلىقتا قالىدۇ، كىشىلەر سەپەر قىلمايدىغان بولىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدىكى توختاملار بۇزۇلىدۇ، گۇۋاھچىلار كۆزگە ئىلىنمايدۇ، ئىنسانلار بىر-بىرىنى قەدىرلىمەيدىغان بولىدۇ.
ئېھۇدتىن كېيىن، ئاناتنىڭ ئوغلى شامگار كالا ھەيدەيدىغان تاياق بىلەن فىلىستىيەلىكلەردىن 600 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى قۇتقۇزدى.
ھېچكىم كېلىپ ھېيت ئۆتكۈزمىگەچكە، ماتەم تۇتماقتا سىئون يوللىرى، چۆلدەرەپ قالغان شەھەر دەرۋازىلىرى، ھەسرەت چېكەر روھانىيلىرى. قايغۇغا پاتقان سىئون قىزلىرى، ئازابقا تولغان ھەم قەلبلىرى.
ئاراڭلارغا يىرتقۇچ ھايۋانلارنى قويۇۋېتىمەن. ئۇلار پەرزەنتىڭلارنى ھالاك قىلىدۇ، چارۋا مېلىڭلارنى قىرغىن قىلىدۇ. سانىڭلار ئازلاپ، كوچىلار چۆلدەرەپ قالىدۇ.
شۇڭا سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ.
ئىز بېسىپ قوغلاپ يۈرەر دۈشمىنىمىز، كوچىغا چىقىشقا يوقتۇر جۈرئىتىمىز. قالدى ساناقلىق كۈنىمىز، چېكىگە يەتتى ئۆمرىمىز، چۈنكى توشتى ئەجىلىمىز.
ئادىشىپ كەتكەنلەرنى ئەگرى يوللارغا، جازالايدۇ پەرۋەردىگار رەزىللەرگە قوشۇپلا، تىنچ-ئامانلىق بولغاي ئىسرائىللارغا.
ئۇ چاغلاردا سەپەرگە چىقىش خەتەرلىك ئىدى، ھەممە يەرلەرنى قالايمىقانچىلىق قاپلىغانىدى.
مەن دىبورا كېلىپ ئانا بولغۇچە ئىسرائىللارغا، چۆللىشىپ سەھرالار، بىر كىشىمۇ قالمىغانىدى ئىسرائىلىيەدە.
ئېتىزغا بارماڭلار، يوللاردا يۈرمەڭلار! چۈنكى ئۇ يەرلەردە قىلىچ تۇتقان دۈشمەنلەر بار، ھەممە يەرنى ۋەھىمە باسقان.»