Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 5:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 تاغلار سىلكىندى سىناي تېغىدىكى پەرۋەردىگار كەلگەندە، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئالدىدا.

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 5:5
14 Referans Kwoze  

پۈتۈن سىناي تېغىنى ئىس-تۈتەك قاپلىغانىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇ يەرگە ئوت ئىچىدە چۈشكەنىدى. بۇ ئىس-تۈتەك خۇددى خۇمداندىن چىققان ئىس-تۈتەككە ئوخشايتتى. پۈتۈن تاغ تۇيۇقسىز سىلكىندى.


مومدەك ئېرىپ كېتەر بۈيۈك تاغلار ھەتتا، ئالەمنىڭ ھۆكۈمرانى پەرۋەردىگار ئالدىدا.


ئۇ كەلگەندە تاغلار تەۋرەيدۇ، ئېدىرلار ئېرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا يەر-زېمىن ۋە پۈتكۈل ئىنسانلار تىترەپ تۇرىدۇ.


سىلەر ئىسرائىللار تەۋرات قانۇنىنى قوبۇل قىلغان، قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان، يالقۇنلاپ ئوت يېنىپ تۇرۇۋاتقان ھەمدە قارا بۇلۇت، قاراڭغۇلۇق، قارا بوران قاپلىغان سىناي تېغىغا كەلمىدىڭلار.


تەۋرەندى تاغلار كۆرگەندە سېنى. كەلكۈن كېلىپ، سۇلار ئۆركەشلەپ، يەتتى پەلەككە شاۋقۇنلىرى.


تاغلار چۆچۈپ سەكرىدى قوچقارلاردەك، دۆڭلەرمۇ ئۈركۈدى قوزىلاردەك.


خەلق گۈلدۈرماما ۋە بۇرغا ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ، چاقماق چېقىلغاننى ۋە تاغدىن پۇرقىراپ چىقىۋاتقان ئىس-تۈتەكنى كۆرۈپ، قورقۇپ تىترەپ كېتىشتى ۋە يىراقراق بېرىپ تۇرۇشتى.


پەرۋەردىگار يەرگە باقسا زېمىن تىترەر، تاغقا تەگسە ئوتلار يېنىپ، تۈتۈن چىقار.


ئى خۇدا، زېمىن ۋە بەندىلىرىڭ ئۈستىگە، خاسىيەتلىك يامغۇرۇڭنى ياغدۇردۇڭ. ھالسىرىغاندا ئۇلارغا قۇۋۋەت بەردىڭ.


بىز خۇددى سەن ھېچقاچان باشقۇرمىغان خەلققە، سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالمىغان خەلققە ئايلىنىپ قالدۇق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite