Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 5:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئەي پادىشاھلار، ئاڭلاڭلار! ئەي ھۆكۈمرانلار، قۇلاق سېلىڭلار! نەغمە-ناۋا ياڭرىتىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئېيتىمەن، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى كۈيلەيمەن.

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 5:3
18 Referans Kwoze  

پەرزلىرىڭنى سۆزلەيمەن شاھلار ئالدىدا، رەددىيەگە ئۇچراپ نومۇستا قالماسمەن ئەسلا.


مەنكى پادىشاھ ئارتاخشاستى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ بارلىق خەزىنە ئەمەلدارلىرىغا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، ئەرشئەلادىكى خۇدانىڭ قانۇنىنى پىششىق بىلىدىغان روھانىي ئەزرانىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى تېزدىن بەجا كەلتۈرۈڭلار.


ئىلياس جاۋابەن: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، مەن سېنىڭ خىزمىتىڭنى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن قىلدىم. لېكىن ئىسرائىلىيە خەلقى سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى بۇزۇپ، پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. يالغۇز مەنلا قالدىم، ئۇلار ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشۇۋاتىدۇ، _ دېدى.


ئىلياس: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، مەن سېنىڭ خىزمىتىڭنى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن قىلدىم. لېكىن ئىسرائىلىيە خەلقى سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى بۇزۇپ، پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. يالغۇز مەنلا قالدىم، ئۇلار ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشۇۋاتىدۇ، _ دېدى.


ئاندىن ئىلياس خەلققە: _ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن پەقەت مەنلا قالدىم، لېكىن بائالنىڭ ساختا پەيغەمبەرلىرىدىن 450 نەپىرى بار.


مەن دىبورا كېلىپ ئانا بولغۇچە ئىسرائىللارغا، چۆللىشىپ سەھرالار، بىر كىشىمۇ قالمىغانىدى ئىسرائىلىيەدە.


مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى جاكارلايمەن، سىلەر خۇدايىمىزنىڭ بۈيۈكلۈكىنى مەدھىيەلەڭلار.


ئەي ئەرشئەلا، قۇلاق سال ماڭا، ئەي زېمىن، سۆزۈمنى ئاڭلا.


مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرۇپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن. سىلەرنى گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ جازالايمەن.


مەن يەنە دان قەبىلىسىدىن ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىئابنى ئۇنىڭغا ياردەمچىلىككە تاللىدىم. ھەممە ھۈنەرۋەنلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىپ، مەن بۇيرۇغان نەرسىلەرنى ياساش ئىقتىدارىنى بەردىم.


_ مەن ئەمدى سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىڭلار،


مەن يەر يۈزىنى توپانغا غەرق قىلىپ، پۈتۈن جانلىقلارنى ھالاك قىلىمەن، يەر يۈزىدىكى ھەممە مەۋجۇدات نابۇت بولىدۇ.


ئەمدى قەددىم كۆتۈرۈلدى رەقىبلىرىم ئالدىدا. شادلىق بىلەن ئالقىشلاپ پەرۋەردىگارنى، قىلارمەن قۇربانلىق خۇدانىڭ چېدىرىدا، ئۇنى كۈيلەيمەن ياڭرىتىپ نەغمە-ناۋا.


نەغمە-ناۋا قىلاي مەڭگۈ ئاتاپ سېنىڭ نامىڭغا، ساڭا بەرگەن قەسەملىرىمنى ھەر كۈنى قىلىپ ئادا.


ئۆمۈرۋايەت مەدھىيەلەيمەن پەرۋەردىگارنى، جان تەندە بولسىلا كۈيلەيمەن خۇدايىمنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite