12 ئويغان، ئويغان! دىبورا ئويغان! ئابىنوئام ئوغلى باراق، ئورنۇڭدىن تۇر! ئويغان، مەدھىيە ياڭرات! ئەسىرلىرىڭنى ئېلىپ كەت!
بۇ توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇ ئەرشكە چىققاندا، نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەرنى يېتەكلىدى. ئىنسانلارغا ھەدىيىلەرنى ئاتا قىلدى.»
رەببىمىز سەن يۇقىرىغا چىققىنىڭدا، ئېلىپ كېتىسەن نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەرنى. سېلىق قوبۇل قىلىسەن ئىنسانلاردىن، ھەتتا ساڭا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلاردىن، ئىگەم خۇدا ئورۇن ئالىسەن سىئوندىن.
ئويغان ئەي روھىم! سايرا لىرا، چىلتارىم! ئويغىتايلى تاڭنى نەغمە-ساز بىلەن، ئويغىتايلى تاڭنى مەدھىيە بىلەن.
بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ئارزۇسىغا يەتمەكچى بولغان شەيتاننىڭ تورىدىن قۇتۇلالايدۇ.
چۈنكى، ھەممە نەرسىنى ئاشكارىلايدىغىنى نۇردۇر. شۇڭا، مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئويغان، ئەي ئۇخلاۋاتقان ئىنسان، تىرىل روھىي ئۆلۈمدىن. ئەيسا مەسىھ ساڭا نۇر چاچار!»
ئەقىل-ھوشۇڭلارنى تېپىپ، گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈڭلار. بەزىلىرىڭلار خۇدانى تېخىچە تونۇمايسىلەر. بۇ سۆزنى سىلەرنى خىجىل بولسۇن، دەپ ئېيتىۋاتىمەن.
بۇ ۋاقىتتا مەن يەرەمىيا ئويغىنىپ، ئەتراپقا قارىدىم. ناھايىتى شېرىن ئۇخلىغانىدىم.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئەي يېرۇسالېم، ئورنۇڭدىن تۇر، پارلا! چۈنكى سېنىڭ نۇرۇڭ يېتىپ كەلدى! مەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سېنى يورۇتماقتا.
ئويغان، ئەي يېرۇسالېم، ئويغان! ئورنۇڭدىن دەس تۇر! سەن قەدەھتىكى ئادەمنى ئېگىز-پەس دەسسىتىدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى ئازاب شارابىنى پاك-پاكىز ئىچىۋەتتىڭ.
ئەي پەرۋەردىگار، ئويغىنىپ قولۇڭنى كۆتۈرگەيسەن، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغايسەن. خۇددى بۇرۇنقى زاماندىكىگە ئوخشاش، ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن! دېڭىز مەخلۇقى راخابنى پارچىلاپ تاشلىغان سەن ئەمەسمۇ! قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقىنى سانجىپ ئۆلتۈرگەن سەن ئەمەسمۇ!
ئەي، باشقىلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۆزى ۋەيران قىلىنمىغانلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! ئەي ئالدامچىلار، ئۆزى ئالدام خالتىغا چۈشمىگەنلەر، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر ۋەيران قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ۋەيران بولىسىلەر. سىلەر ئالدامچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ئالدىنىسىلەر.
ئۇ خەلقلەر ئىسرائىللارنى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنىغا باشلاپ كېلىدۇ. ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا ياشاش ئۈچۈن كەلگەن بۇ خەلقلەر ئىسرائىللارغا خىزمەت قىلىدۇ. ئىسرائىللار بۇرۇن ئۆزلىرىنى ئەسىر قىلغانلارنى ئەسىر قىلىدۇ، ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
ئەي لىرا، چىلتار ئويغان ئەمدى، قەسىدە ئوقۇپ ئويغىتايلى تاڭنى.
يېنىمغا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ قالغان خەلقى، چىقتى يېتەكچىلەر زور قوشۇنغا قارشى جەڭ قىلغىلى.
ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ساڭا، ئى ئىگەم خۇدا، سېنى كۈيلەيمەن بارچە ئەل، خەلقىئالەم ئارا.