8 باراق ئۇنىڭغا: _ ئەگەر سىز بىللە بارسىڭىز، مەن باراي، سىز بارمىسىڭىز مەنمۇ بارمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
مەن يابىننىڭ باش سەركەردىسى سىسىرانى جەڭ ھارۋىلىرى ۋە قوشۇنلىرى بىلەن قىشون دەرياسى بويىدا سەن بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقىرىمەن، ھەمدە ئۇنى سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن» دەپ ئەمر قىلدى، _ دېدى.
دىبورا: _ بولىدۇ، مەن بىللە باراي. بىراق سەن غەلىبە قىلساڭمۇ شان-شۆھرىتىڭ بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار سىسىرانى بىر ئايالنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگەن بولىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن دىبورا بىلەن باراق بىللە قەدەش شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى.