Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 4:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى راماھ بىلەن بەيتەلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ خورما دەرىخى بولۇپ، دىبورا ئاشۇ خورما دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ، دەرد ئېيتىپ كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ دەۋالىرىنى سورايتتى (بۇ دەرەخ كېيىنچە «دىبورا دەرىخى» دەپ ئاتالغان).

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 4:5
18 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «راماھ شەھىرىدىن قاتتىق قايغۇ-ھەسرەتلىك يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. راھىلە بالىلىرى ئۈچۈن يىغلاۋاتاتتى. ئۇنىڭغا تەسەللى كار قىلمىدى، چۈنكى ئۇ بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى.»


ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا جايلاشقان راماتايىم-زوفىم شەھىرىدە بىر كىشى ياشايتتى. ئۇنىڭ ئىسمى ئەلقانا بولۇپ، ئۇ يىروخامنىڭ ئوغلى ئىدى. يىروخام ئەلىھۇنىڭ ئوغلى، ئەلىھۇ تۆھۈنىڭ ئوغلى، تۆھۈ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولغان زۇفنىڭ ئوغلى ئىدى.


يەنە گىبئون، راماھ، بەئەروت،


بەيت-ئارابا، زىمارايىم، بەيتەل،


جەنۇبىي پاسىل بەيتەل، يەنى لۇز شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئاتاروت شەھىرىدىكى ئاركىلارنىڭ زېمىنىغا بارىدۇ.


ئۇلار خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدىغان بولدى. ئۇلار كىچىك ماجىرالارنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىپ، قىيىنراق ماجىرالار بولسا مۇسانىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى سوراشتى.


مەن ساڭا مەسلىھەت بېرەي، خۇدانىڭ ساڭا يار بولۇشىنى تىلەيمەن. سەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا خەلققە ۋاكالىتەن خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلغىن.


ئەتىسى مۇسا ئەتىگەندىن كەچكىچە خەلق ئىچىدىكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن مەشغۇل بولدى.


ئۇلار بەيتەلگە كەلگەندىن كېيىن، رىبەقانىڭ ئىنىكئانىسى دىبورا ۋاپات بولدى. ئۇ بەيتەلنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ بىر دۇپ دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىندى. ئۇ دەرەخ ئاللون-باقۇت [مەنىسى «كۆز يېشى دۇپ دەرىخى»] دەپ ئاتالدى.


سامۇئىل ئالەمدىن ئۆتتى. پۈتۈن ئىسرائىللار يىغىلىپ ماتەم تۇتۇپ، ئۇنى ئۆز يۇرتى راماھقا دەپنە قىلدى. داۋۇت بولسا پاران چۆلىگە كەتتى.


ئەتىسى ئەلقانانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تاڭ سەھەردە تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغاندىن كېيىن، راماھتىكى ئۆيىگە قايتىپ كېلىشتى. ئەلقانا ئايالى ھاننا بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى ۋە پەرۋەردىگار ھاننانىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلدى.


ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا ماجىرا پەيدا بولسا، مېنى ئىزدەيدۇ. كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەقلىقىنى ئايرىپ، خۇدانىڭ قانۇنى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.


ئۇ چاغدا دىبورا ئىسىملىك بىر ئايال پەيغەمبەر ئىسرائىللارغا ھاكىملىق قىلاتتى، ئۇ لاپپىدوتنىڭ ئايالى ئىدى.


سائۇلغا داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ تېپىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا سائۇل گىبئاھ تۆپىلىكىدىكى بىر تۈپ يۇلغۇننىڭ تۈۋىدە قولىدا نەيزىسىنى تۇتقان ھالدا ئولتۇراتتى، ئەمەلدارلىرى بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇشاتتى.


ئاندىن يۇرتى راماھقا قايتىپ، ئۇ يەردىمۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلاتتى. ئۇ راماھتا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالدۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite