Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 4:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلەپ نالە-پەرياد قىلدى. چۈنكى يابىننىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن 900 جەڭ ھارۋىسى بولۇپ، ئۇ ئىسرائىللارغا 20 يىل رەھىمسىزلىك بىلەن زۇلۇم سېلىپ كەلگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 4:3
19 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىگە ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار تاغلىق رايونلارنى ئىگىلىيەلىدى. لېكىن تۈزلەڭلىكتە ياشايدىغانلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرى بولغاچقا، يەھۇدا قەبىلىسى ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئامالسىز قالدى.


رەقىبلىرى قولىدا ئېزىلدى ئۇلار، قەددىنى پۈكۈپ، بېشىنى ئەگدى ياۋلار.


كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ نالە-پەرياد قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلەپ بەردى. بۇ ئادەم ئوتنىئېل بولۇپ، ئۇ كالىبنىڭ ئىنىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئىدى.


ئۆلۈم كەلگەندە ئۇلار ئەسكە ئالدى خۇدانى، توۋا قىلىپ ئىخلاس بىلەن ئىزدەشكە باشلىدى ئۇنى.


چاقىر مېنى ھەر ۋاقىت كۈن چۈشسە بېشىڭغا، قۇتقۇزىمەن سېنى، ئۇلۇغلايسەن مېنى شۇندا.»


سامۇئىلغا: _ بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا توختىماي نالە قىلسىڭىز، ئۇ بىزنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغاي، _ دەپ يېلىندى.


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يات ئىلاھلىرىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارغا يەنە خىزمەت قىلدى. پەرۋەردىگار ئاخىرى ئىسرائىللارنىڭ زۇلۇم تارتىشىغا قاراپ تۇرالمىدى.


ساختا ئىلاھلار يەڭگۈشلىنىپ، جەڭلەر بولدى قوۋۇقلاردا. نەيزە-قالقان كۆتۈرگەن بىرمۇ لەشكەر يوق ئىدى ئەسلا، قىرىق مىڭ ئىسرائىل قوشۇنىدا.


كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلەپ بەردى. ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى ئېھۇد بولۇپ، سولخاي ئىدى. ئىسرائىللار ئېھۇدنى موئاب پادىشاھى ئەگلونغا ئالۋان-سېلىقلارنى ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتتى.


يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى جاۋاب قايتۇرۇپ: _ ئەفرايىم تاغلىق رايونى بىزگە تارلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈزلەڭلىكتىكى بەيتشان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ۋە يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە ياشاۋاتقان كەنئانلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرىمۇ بار، _ دېيىشتى.


سىلەر تونۇمايدىغان بىر ئەل ئېتىزىڭلاردىن چىققان ھوسۇلۇڭلارنى، ئەمگەك قىلىپ ئېرىشكىنىڭلارنى يەپ تۈگىتىدۇ. سىلەر ھەمىشە ئېزىلىسىلەر، بوزەك قىلىنىسىلەر.


خۇددى قارىغۇ ئادەم يول تاپالماي، تىمىسقىلاپ يۈرگەندەك، سىلەرمۇ كۈپكۈندۈزدە تىمىسقىلاپ يۈرىسىلەر. يوللىرىڭلار راۋان بولمايدۇ، داۋاملىق باشقىلارنىڭ زۇلۇم قىلىشىغا ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىغا ئۇچرايسىلەر. ھېچكىم سىلەرنى قۇتقۇزمايدۇ.


ئۇ چاغدا دىبورا ئىسىملىك بىر ئايال پەيغەمبەر ئىسرائىللارغا ھاكىملىق قىلاتتى، ئۇ لاپپىدوتنىڭ ئايالى ئىدى.


تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن 900 جەڭ ھارۋىسى ۋە پۈتۈن قوشۇنىنى يىغىپ، خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىدىن قىشون دەرياسى بويىغا باردى.


ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھىمۇ ئۆلدى. لېكىن ئىسرائىللار يەنىلا ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن قاتتىق ئازاب چېكىۋاتاتتى. ئۇلار خۇدادىن ياردەم تىلەپ، نالە-پەرياد كۆتۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ نالە-پەريادى خۇداغا يەتتى.


ئىسرائىللار مىديانلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلدى.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا: _ بىز سەن خۇدايىمىزدىن يۈز ئۆرۈپ، بائالغا چوقۇنۇپ، سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، _ دەپ نالە-پەرياد قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite