Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 4:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 سىسىرا ئىنتايىن چارچاپ كەتكەچكە، يېتىپلا ئۇيقۇغا كەتتى. خەبەرنىڭ خوتۇنى يائېل قولىغا توقماق بىلەن چېدىرغا قاقىدىغان قوزۇقتىن بىرنى ئېلىپ، سىسىرانىڭ يېنىغا ئاستا كېلىپ، قوزۇقنى ئۇنىڭ چېكىسىگە قېقىپ يەرگە پاتۇرىۋەتتى. سىسىرا ئۆلدى.

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 4:21
12 Referans Kwoze  

لېكىن، خۇدا بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئاقىل سانالغانلارنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىكى نادان ھېسابلانغانلارنى تاللىدى. بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە كۈچلۈك سانالغانلارنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن، خۇدا ئىنسانلار ئاجىز دەپ قارىغانلارنى تاللىدى.


ئى پەرۋەردىگار، ياردەمگە كەلگىن، ئى ئىلاھىم، مېنى قۇتقۇزغىن. تەستىكىگە سالىسەن رەقىبلىرىمنىڭ، چىشلىرىنى سۇندۇرىسەن رەزىللەرنىڭ.


ئېھۇد سول قولى بىلەن ئوڭ يانپېشىدىكى خەنجەرنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، پادىشاھنىڭ قورسىقىغا تىقىۋەتتى.


مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «ئۆزلىرىنى دانىشمەن سانايدىغانلارنىڭ دانالىقىنى يوققا چىقىرىمەن، ئۆزلىرىنى ئەقىللىق چاغلايدىغانلارنىڭ ئەقلىنى بىكار قىلىمەن.»


ئۇ داۋۇتقا: _ سەن قولۇڭغا تاياق ئېلىپ، ئالدىمغا كېلىپسەن، مەن ئىتمىدىم؟ _ دېدى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ناملىرى بىلەن داۋۇتنى قارغىدى.


يەردىن ئۇ ئۆلگىلى ئۇزۇن بولمىغان ئېشەكنىڭ جاغ سۆڭىكىنى ئېلىپ، مىڭ فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى.


ئېھۇدتىن كېيىن، ئاناتنىڭ ئوغلى شامگار كالا ھەيدەيدىغان تاياق بىلەن فىلىستىيەلىكلەردىن 600 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى قۇتقۇزدى.


دىبورا: _ بولىدۇ، مەن بىللە باراي. بىراق سەن غەلىبە قىلساڭمۇ شان-شۆھرىتىڭ بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار سىسىرانى بىر ئايالنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگەن بولىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن دىبورا بىلەن باراق بىللە قەدەش شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى.


سىسىرا يائېلغا: _ چېدىرنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرغايسىز، ئەگەر بىرى كېلىپ، بۇ يەردە ئادەم بارمۇ؟ دەپ سورىسا، يوق دېگەيسىز، _ دېدى.


باراق سىسىرانى ئىزدەپ كەلگەنىدى، يائېل ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ: _ بۇ ياققا كېلىڭ، مەن سىز ئىزدەپ كەلگەن ئادەمنى كۆرسىتەي، _ دېدى. باراق ئۇنىڭ بىلەن چېدىرغا كىرىپ، سىسىرانىڭ ئۆلۈك ياتقىنىنى ۋە چېكىسىگە قوزۇق قېقىلغانلىقىنى كۆردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite