Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 4:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنى خازور شەھىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان كەنئان پادىشاھى يابىننىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. يابىننىڭ باش سەركەردىسى سىسىرا خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىدە تۇراتتى.

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 4:2
11 Referans Kwoze  

باراق ئۇلارنىڭ قوشۇنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىگىچە قوغلاپ باردى. سىسىرانىڭ پۈتۈن قوشۇنى قىلىچ ئاستىدا جان بەردى، بىرمۇ ئادەم تىرىك قالمىدى.


تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن 900 جەڭ ھارۋىسى ۋە پۈتۈن قوشۇنىنى يىغىپ، خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىدىن قىشون دەرياسى بويىغا باردى.


خازور پادىشاھى يابىن بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغان ھامان ئەتراپتىكى پادىشاھلارغا، يەنى مادون پادىشاھى يوبابقا، شىمرون ۋە ئاكشاف پادىشاھلىرىغا،


ئى خۇدا، سەن مىديانلىقلارغا قىشون دەرياسىدا سىسىرا ۋە يابىنغا قانداق تاقابىل تۇرغان بولساڭ، شۇنداق تاقابىل تۇرغىن ئۇلارغا.


ئەمما ئاتا-بوۋاڭلار ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ئۇنتۇغاچقا، خۇدا ئۇلارنى خازور شەھىرىدىكى قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى سىسىرانىڭ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ۋە موئاب پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈردى.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قەھر-غەزىپى تېشىپ، ئۇلارنى فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئاممونلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.


چاكارنىڭ تۆلەش ئىقتىدارى بولمىغانلىقتىن، پادىشاھ ئۇنىڭغا ئۆزىنى، خوتۇن بالا-چاقىسى ۋە بار-يوقىنى سېتىپ، قەرزىنى تۆلەشنى بۇيرۇپتۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاناڭلارنى ھەيدەپ چىقارغاندا، ئۇنى تالاق قىلدى، دەپ ئويلامسىلەر؟ ئۇنداقتا تالاق خېتى قېنى؟ مەن قەرزدار بولۇپ قېلىپ، سىلەرنى قەرز بەرگۈچىگە سېتىۋەتتىممۇ؟ ياق! قاراڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن سېتىۋېتىلدىڭلار، ئاناڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ھەيدەلدى.


ئاداما، راماھ، خازور،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite