16 باراق ئۇلارنىڭ قوشۇنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىگىچە قوغلاپ باردى. سىسىرانىڭ پۈتۈن قوشۇنى قىلىچ ئاستىدا جان بەردى، بىرمۇ ئادەم تىرىك قالمىدى.
چۈنكى، سىلەر باشقىلارغا رەھىم قىلمىساڭلار، سوراق قىلىنغاندا خۇدا سىلەرگىمۇ رەھىم قىلمايدۇ. باشقىلارغا رەھىم قىلغان بولساڭلار، خۇدانىڭ جازاسىغا ئەمەس، رەھىم قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىلەر.
تەۋرات قانۇنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە چۈشۈرۈلمىگەنلىكتىن، ئۇلار ئۇنى بىلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار گۇناھ سادىر قىلسا، سوراققا تارتىلىدۇ. تەۋرات قانۇنى چۈشۈرۈلگەن يەھۇدىيلار بولسا ئۇنى پۇختا بىلىدۇ. لېكىن، ئۇلارمۇ گۇناھ سادىر قىلسا، ئوخشاشلا سوراققا تارتىلىدۇ.
مىسىرنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىرى، قوشۇنلىرى، چەۋەندازلىرى سىلەرگە يوپۇرۇلۇپ كەلگەندە، ئۇلارنى بىراقلا يىقىتىپ، قوپالماس قىلىۋەتكەن، ئۇلارنى ئۆچكەن چىراغقا ئوخشاش يوقىتىۋەتكەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
گۇناھكارلار يەر يۈزىدە قالمىغاي، رەزىللەر زاۋال تاپقاي. ھەمدۇسانا ئېيتقىن ئەي قەلبىم پەرۋەردىگارغا، ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار ھەممىڭلار ئۇنىڭغا.
ئى خۇدا، سەن مىديانلىقلارغا قىشون دەرياسىدا سىسىرا ۋە يابىنغا قانداق تاقابىل تۇرغان بولساڭ، شۇنداق تاقابىل تۇرغىن ئۇلارغا.
پەرۋەردىگار دۈشمەنلەرنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسرائىللار ئۇلارنى بۈيۈك سىدون شەھىرى ۋە مىسرېفوت-مايىمغىچە، شۇنداقلا مىزپاھ جىلغىسىنىڭ شەرقىغىچە قوغلاپ بېرىپ، بىرمۇ ئادەمنى تىرىك قالدۇرمىدى.
دېڭىز سۈيى ئەسلىگە قايتىپ، ئىسرائىللارنى قوغلىغان پۈتۈن جەڭ ھارۋىلىرى، ھارۋىلىق لەشكەرلىرى ۋە پۈتۈن مىسىر قوشۇنلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي غەرق قىلىۋەتتى.
شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنى خازور شەھىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان كەنئان پادىشاھى يابىننىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. يابىننىڭ باش سەركەردىسى سىسىرا خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىدە تۇراتتى.
سىسىرا قېچىپ قېنلاردىن بولغان خەبەرنىڭ خوتۇنى يائېلنىڭ چېدىرىنىڭ يېنىغا كەلدى. چۈنكى خازور پادىشاھى يابىن خەبەر بىلەن دوست ئىدى.
پەرۋەردىگار ئامورلار قوشۇنىنى پاتىپاراقچىلىققا چۈشۈرۈپ قويدى. ئىسرائىللار قوشۇنى ئامورلارنىڭ كۆپ قىسمىنى گىبئوندا قىرىپ تاشلىدى ھەمدە دۈشمەن قوشۇنىنى بەيت-خورون شەھىرىگىچە قوغلاپ بېرىپ، يول بويى قىرىپ ماڭدى ۋە ئازېقا، ماققېدا شەھىرىنىڭ يولىدا يەنە بىر قىسمىنى قىرىپ تاشلىدى.
ئۇلار ئېندور يېزىسىدا قىرىلغانىدى، تەنلىرى تېزەك كەبى ئوغۇتقا ئايلانغانىدى.