12 سىسىرا ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنىڭ تابور تېغىغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ،
مەن پادىشاھ، قۇدرەتلىك سەردار، يەنى مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، تاغلار ئارىسىدىكى تابور تېغىدەك مۇستەھكەم، دېڭىز بويىدىكى كارمەل تېغىدەك ھەيۋەتلىك بىرى كېلىدۇ.
ياراتقانسەن شىمال، جەنۇب ۋە ئۇلاردىكى ھەممىنى، شادلىقتا نامىڭنى كۈيلەر تابور، خەرمون چوققىلىرى.
غەربىي پاسىلى ئازنوت-تابور شەھىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، خۇقوق شەھىرىگە بارىدۇ. بۇ پاسىلنىڭ جەنۇب تەرىپى زەبۇلۇن قەبىلىسىگە، غەرب تەرىپى ئاشېر قەبىلىسىگە، شەرق تەرىپى ئىئوردان دەرياسىغا تۇتىشىدۇ.
قارشى تەرەپتە سارىد شەھىرىدىن شەرقىي تەرەپكە سوزۇلۇپ، كىسلوت-تابور شەھىرىنىڭ پاسىلىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن دابىرات شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ، يەنە يۇقىرىلاپ يافىيا شەھىرىگە تۇتىشىدۇ.
بىر كۈنى ئۇ نافتالىدىكى قەدەش شەھىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا: «نافتالى ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن 10 مىڭ ئادەمنى يىغىپ، ئۇلارنى تابور تېغىغا باشلاپ كەل.
ئۇ چاغدا قېنلاردىن بولغان خەبەر، قەدەش شەھىرىگە يېقىن بولغان زائاناننىمدىكى بىر تۈپ دۇپ دەرىخى يېنىدا چېدىر تىككەنىدى. ئۇ باشقا قېنلاردىن ئايرىلىپ تۇراتتى. ئۇلار مۇسا پەيغەمبەرنىڭ قېيىنئاكىسى خوبابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن 900 جەڭ ھارۋىسى ۋە پۈتۈن قوشۇنىنى يىغىپ، خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىدىن قىشون دەرياسى بويىغا باردى.
ئۇلارنىڭ زېمىنى تابور، شاخازىما ۋە بەيت-شەمەش شەھەرلىرىگە تۇتىشىپ، ئىئوردان دەرياسىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى 16 شەھەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە.
گىدئون زەباخ بىلەن زالمۇننادىن: _ سىلەر تابور تېغىدا ئۆلتۈرگەن ئادەملەر قانداق ئادەملەر ئىدى؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن: _ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا ئوخشايدىغان شاھزادە سۈپەت ئادەملەر ئىدى، _ دېدى.
بىلىكىڭ قۇدرەتلىك، قولۇڭ كۈچلۈكتۇر، ئۈستۈن كۆتۈرۈلگەن ئوڭ قولۇڭ غالىبتۇر.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي روھانىيلار، ئاڭلاڭلار! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! ئەي پادىشاھ جەمەتى، دىققەت قىلىڭلار! سىلەرگە قارشى ھۆكۈم چۈشۈۋاتىدۇ. چۈنكى بۇتپەرەسلىكىڭلار خەلققە مىزپاھتا قىلتاق، تابور تېغىدا تور بولدى.