Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 21:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئۇلار: _ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا! نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟ ئىسرائىللارنىڭ بىر قەبىلىسى ئازىيىپ كەتتىغۇ! _ دېيىشتى.

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 21:3
9 Referans Kwoze  

ئى پەرۋەردىگار، مەن سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكىنىمدە، سەن ھەر دائىم شۇنداق ئادىل بولۇپ كەلدىڭ. شۇنداقتىمۇ مەن سەن بىلەن يەنە ئادىللىقىڭ توغرىسىدا سۆزلەشمەكچىمەن. نېمە ئۈچۈن رەزىل ئادەملەرنىڭ ئىشى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بارلىق سەمىمىيەتسىز كىشىلەر راھەتتە ياشايدۇ؟


ئى پەرۋەردىگار، سەن نېمىشقا بىزنىڭ يولۇڭدىن ئېزىشىمىزغا يول قويىسەن، قەلبىمىزنى تاش قىلىپ، ساڭا ھۆرمەت قىلمىسۇن دەمسەن؟ ئۆتۈنەي، خىزمەتكارلىرىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان خەلقىڭ ئۈچۈن يېنىمىزغا قايتىپ كەلگەيسەن.


ئادەمنىڭ نادانلىقى ھايات يولىنى نابۇت قىلار، ئۇ كۆڭلىدە يەنىلا پەرۋەردىگاردىن خاپا بولار.


نېچۈن بۇزۇپ ئۇنىڭ قاشاسىنى، يولدىن ئۆتكەنلەرگە بېرىسەن مېۋىسىنى؟


تەرك ئەتتىڭ بىزنى نېچۈن ئى خۇدا، بىزنى شۇنداق مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالامسەن؟ سېنىڭ ئىلكىڭدىكى بىزدەك قويلىرىڭغا نېچۈن غەزەپ ئوتلىرىڭنى چاچىسەن؟


دۇنيادىكى ئەللەر: «پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا نېمىشقا بۇنداق قىلغاندۇ؟ نېمىشقا شۇنچە ئاچچىقلانغاندۇ؟» دەپ سورىسا،


ئىسرائىل خەلقى بەيتەلگە كېلىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەچكىچە ئولتۇرۇپ، ئۈن سېلىپ ھۆڭرەپ يىغلاشتى.


ئەتىسى خەلق سەھەر تۇرۇپ، شۇ يەردە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite