2 ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە 400 مىڭ ئادەم قىلىچ بىلەن قوراللىنىپ، رەتمۇرەت تىزىلىپ، خۇدانىڭ جامائىتى بولۇپ ھازىر بولدى
شۇ ۋاقىتتا زەباخ بىلەن زالمۇننا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى قارقور دېگەن جايدا ئىدى. ئۇلارنىڭ سانى تەخمىنەن 15 مىڭ بولۇپ، ھەممىسى شەرقتىكى خەلقلەرنىڭ قېلىپ قالغان لەشكەرلىرى ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ 120 مىڭ قىلىچلىق لەشكىرى ئۆلگەنىدى.
ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىنلارنى ھېسابلىمىغاندا، جەڭ قىلىشقا ماھىر 400 مىڭ قىلىچلىق لەشكىرى بار ئىدى.
گىبئاھقا توپلانغان بىنيامىنلاردىن 26 مىڭ قىلىچلىق لەشكەر ۋە گىبئاھلىق بىنيامىنلاردىن خىللانغان 700 لەشكەر سەپكە تىزىلغانىدى.
موئاب پادىشاھى جەڭنىڭ ئۆزىگە تولىمۇ زىيانلىق بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، 700 قىلىچلىق لەشكىرىنى باشلاپ، ئىدوم پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىپ، بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولدى، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى.
يوئاب جەڭ قىلىشقا قادىر بولغان ئادەملەرنى تىزىملاش ئەھۋالىدىن پادىشاھقا مەلۇمات بەردى. ئىسرائىلىيەدە جەڭ قىلىشقا قادىر 800 مىڭ ئادەم، يەھۇدىيەدە 500 مىڭ ئادەم بار ئىدى.
(باشقا قەبىلىلەرنىڭ مىزپاھقا توپلانغانلىقىنىڭ خەۋىرى دەرھال بىنيامىن قەبىلىسىگە يېتىپ باردى). ئىسرائىللار ھېلىقى لاۋىيدىن: _ بىزگە بۇ پەسكەش ئىشنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگىن، _ دەپ سورىدى.
سائۇل ئۇلارنى بەزەق دېگەن يەرگە يىغدى. ئۇ يەردە يەھۇدا قەبىلىسىدىن 30 مىڭ كىشى، ئىسرائىلنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن 300 مىڭ كىشى بار ئىدى.
ئۇلار بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بارلىق ئادەملىرى شىلوغا يىغىلىپ، رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلماقچى بولۇشتى.
ئايال مۇنداق دېدى: _ ئۇنداقتا ئۆزلىرى نېمىشقا دەل بۇنداق ناھەقچىلىكنى خۇدانىڭ خەلقىگە راۋا كۆردىلە؟ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بۇنداق دەپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قېچىپ كەتكەن ئوغۇللىرىنىڭ قايتىپ كېلىشىگە يول قويمىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ خاتا ئىش قىلغانلىقلىرىنى ئىسپاتلىمامدىلا؟