سەردارلار 20:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىللار شىمالدىكى داندىن تارتىپ، جەنۇبتىكى بەئەرشەبا ۋە شەرقتىكى گىلئادقىچە بولغان زېمىنلاردىن كېلىپ، مىزپاھ شەھىرىدە توپلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر گەۋدە بولدى. Gade chapit la |
پادىشاھ ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ يېرۇسالېمدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە پۈتۈن ئىسرائىللارغا، يەنى جەنۇبتىكى بەئەرشەبادىن تاكى شىمالدىكى دانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق كىشىلەرگە چاقىرىق ئېلان قىلدى. چۈنكى پۈتۈن خەلق ئۇزۇندىن بېرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگىنى بويىچە ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى.
يەھۇدىيەنىڭ باشقا يەرلەردىكى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە لەشكەرلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ گىداليانى قېلىپ قالغان ئاھالىلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى مىزپاھقا كەلدى. ئۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان، نىتوفالىق تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سىرايا، مائاكا جەمەتىدىن بولغان يائازانيا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئىدى.