8 پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى _ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا 110 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يوشۇۋا ھايات ۋاقتىدا ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قىلىپ بەرگەن ھەممە ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئاقساقاللار ھايات ۋاقتىدا، ئىسرائىللار داۋاملىق پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.
يوشۇۋا ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىندىكى گائاش تېغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى تىمنات-خەرەس شەھىرىدە دەپنە قىلىندى.
يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن: _ كەنئان زېمىنىدىكى خەلقلەر بىلەن جەڭ قىلغىلى بىزدىن قايسى قەبىلە ئاۋۋال چىقسۇن؟ _ دەپ سورىدى.