Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 2:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 شۇڭا ئۇلار بۇ يەرنى بوقىم [مەنىسى «يىغا-زار»] دەپ ئاتىدى ۋە بۇ يەردە پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلدى.

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 2:5
8 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل ئېمىۋاتقان بىر قوزىنى ئۆلتۈرۈپ، پۈتۈن پېتى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، پەرۋەردىگارغا سۇندى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىسرائىللار ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى قوبۇل قىلدى.


شۇنىڭ بىلەن مانوۋاخ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوغلاق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى قۇربانلىق سۇپىسى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن بىر قورام تاش ئۈستىگە قويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. پەرۋەردىگار مانوۋاخ بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆز مۆجىزىسىنى كۆرسەتتى.


گىدئون ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭ نامىنى ياھۋەھ-شالوم [مەنىسى «پەرۋەردىگار _ ئامانلىق»] دەپ قويدى. شۇنىڭدىن بېرى بۇ قۇربانلىق سۇپىسى ئابىئەزەرلەرنىڭ ئوفراھ دېگەن يېرىدە تۇرماقتا.


ھەمدە جەسەتنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ ئۈستىگە تاشلارنى دۆۋىلەپ قويدى. ئۇ دۆۋىلەنگەن تاشلار شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە تۇرماقتا. مانا بۇ شۇ جىلغىنىڭ «بالايىئاپەت جىلغىسى» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپى ياندى.


ئۇلار بەيتەلگە كەلگەندىن كېيىن، رىبەقانىڭ ئىنىكئانىسى دىبورا ۋاپات بولدى. ئۇ بەيتەلنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ بىر دۇپ دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىندى. ئۇ دەرەخ ئاللون-باقۇت [مەنىسى «كۆز يېشى دۇپ دەرىخى»] دەپ ئاتالدى.


پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گىلگال شەھىرىدىن بوقىمغا كېلىپ ئىسرائىللارغا: _ مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئەجدادلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ باردىم. مەن سىلەرگە: «سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ھەرگىز بۇزمايمەن.


پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندا، ئىسرائىللار ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ كەتتى،


يوشۇۋا ئىسرائىللارنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite