Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 2:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21-22 مەن ئۇلارنىڭ مېنىڭ يولۇمدا ئۆز ئەجدادلىرىدەك ماڭىدىغان-ماڭمايدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، يوشۇۋانىڭ ۋاقتىدا بۇ يەردە قېلىپ قالغان يات خەلقلەرنى قوغلاپ چىقارمايمەن.»

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 2:21
8 Referans Kwoze  

بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ يات خەلقلەرنى زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقارمايدۇ. شۇنداقلا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندا تاكى ھالاك بولمىغۇچە، ئۇلار سىلەرگە تۇزاق، قاپقان ياكى دۈمبەڭلارغا ئۇرۇلغان قامچا، كۆزۈڭلارغا قادالغان تىكەن بولىدۇ.


مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، مەن ئەمدى ئۇ يەردە قالغان خەلقلەرنى قوغلاپ چىقارمايمەن. ئۇلار سىلەرنىڭ بېقىنىڭلارغا سانجىلىدىغان تىكەن بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى سىلەرنى ئازدۇرۇپ قىلتاققا چۈشۈرىدۇ، _ دېدى.


چۈنكى ئۇلار مېنىڭ قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلمىدى، بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى، ئاتا-بوۋىلىرى چوقۇنغان بۇتلارغا مەپتۇن بولدى.‏


بۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بەگلىكى، پۈتۈن كەنئانلار، سىدونلۇقلار ۋە بائال-خەرمون تېغىدىن لىبو-خاماتقىچە سوزۇلغان لىۋان تاغلىق رايونىدا ياشايدىغان خىۋلار ئىدى.


مەن سىلەرنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىڭلارغا شەرقتە ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ، غەربتە ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان زېمىنلارنى تەقسىم قىلىپ بەردىم. مەن سىلەرگە بىز بويسۇندۇرغان بارلىق يات خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنى ۋە بىز تېخى بويسۇندۇرمىغان يات خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنىمۇ تەقسىم قىلىپ بەردىم.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا يات خەلقلەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا شۇ زېمىنلاردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەر شۇ زېمىنلارغا ئىگە بولىسىلەر!


يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن: _ كەنئان زېمىنىدىكى خەلقلەر بىلەن جەڭ قىلغىلى بىزدىن قايسى قەبىلە ئاۋۋال چىقسۇن؟ _ دەپ سورىدى.


پەرۋەردىگار كەنئان زېمىنىدا بىر قىسىم خەلقلەرنى قالدۇرغانىدى. ئۇنىڭ مەقسىتى، ئۇرۇشنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئىسرائىللارنى سىناش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا، بولۇپمۇ ئەزەلدىن جەڭگە كىرىپ باقمىغان ئىسرائىللارغا جەڭ قىلىشنى ئۆگىتىش ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite