Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 2:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا سەردارلارنى تەيىنلەپ بەردى.

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 2:16
14 Referans Kwoze  

بۇ ئىشلارغا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 450 يىل كەتتى. كېيىن خۇدا سامۇئىل پەيغەمبەرنىڭ زامانىغىچە ئۇلارغا باتۇر يېتەكچىلەرنى تىكلەپ بەردى.


شۇڭا پەرۋەردىگار گىدئون، بىدان، يىفتاھ ۋە مەن سامۇئىلنى سىلەرنى ئەتراپىڭلاردىكى دۈشمەنلەردىن قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى. شۇ سەۋەبتىن سىلەر تىنچ-ئامان قالدىڭلار.


شۇڭا سەن ئۇلارنى زۇلۇم سالىدىغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردىڭ. لېكىن ئۇلار ئازاب چېكىپ ساڭا ئىلتىجا قىلغاندا، سەن ئەرشتىن ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالدىڭ. سەن ئىنتايىن رەھىمدىل بولۇپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئادەملەرنى ئەۋەتتىڭ.


كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلەپ بەردى. ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى ئېھۇد بولۇپ، سولخاي ئىدى. ئىسرائىللار ئېھۇدنى موئاب پادىشاھى ئەگلونغا ئالۋان-سېلىقلارنى ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتتى.


پەرۋەردىگار گىدئونغا بۇرۇلۇپ: _ سەن ئىسرائىللارنى مىديانلارنىڭ قولىدىن پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن قۇتقۇزغىن. سېنى مانا مەن ئۆزۈم ئەۋەتىمەن! _ دېدى.


ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى راماھ بىلەن بەيتەلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ خورما دەرىخى بولۇپ، دىبورا ئاشۇ خورما دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ، دەرد ئېيتىپ كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ دەۋالىرىنى سورايتتى (بۇ دەرەخ كېيىنچە «دىبورا دەرىخى» دەپ ئاتالغان).


ئابىمەلەك ئۆلگەندىن كېيىن، ئىسساكار قەبىلىسىدىن بولغان پۇئاھنىڭ ئوغلى، دودونىڭ نەۋرىسى تولاھ ئىسرائىل خەلقىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ شامىر دېگەن يېرىدە ياشايتتى.


ئىسرائىللارغا سەردارلار يېتەكچىلىك قىلغان چاغلاردا، ئىسرائىل زېمىنىدا قەھەتچىلىك يۈز بېرىدۇ. ئۇ چاغدا يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ئەفراتا جەمەتىدىن بولغان ئەلىمەلەك ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلىپ، خوتۇنى نائومى ۋە ئوغۇللىرى ماخلون بىلەن كىليوننى ئېلىپ، موئاب ئېلىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ۋاقىتلىق تۇرۇپ قالىدۇ.


ئېھۇدتىن كېيىن، ئاناتنىڭ ئوغلى شامگار كالا ھەيدەيدىغان تاياق بىلەن فىلىستىيەلىكلەردىن 600 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى قۇتقۇزدى.


شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ ئىسرائىللارنى باشلاپ، ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى. پەرۋەردىگار ئاممونلارنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.


سائۇل جەڭدە باتۇر ئىدى. ئۇ ئامالەكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىسرائىللارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite