سەردارلار 2:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گىلگال شەھىرىدىن بوقىمغا كېلىپ ئىسرائىللارغا: _ مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئەجدادلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ باردىم. مەن سىلەرگە: «سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ھەرگىز بۇزمايمەن. Gade chapit la |
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ چىققىنىدەك، قايسى بىر ئىلاھ بىر ئەلدىن بىر خەلقنى ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ چىققان؟ ئۇ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن ئاپەت، مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇرۇش ۋە ئادەمگە ۋەھىمە سالىدىغان ئىشلارنى كۆز ئالدىڭلاردا پەيدا قىلىپ، سىلەرنى قۇتقۇزدى.