Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 19:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 بۇ لاۋىي بىر چاكار بىلەن ئىككى ئېشەكنى ئېلىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن بېرىپ، ياخشى گەپلەر بىلەن ئۇنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى. ئۇ يېتىپ كەلگەندە، توقىلى ئۇنى ئاتىسىنىڭ يېنىغا باشلاپ كىردى. ئاتىسى ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالدى.

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 19:3
16 Referans Kwoze  

قورقماڭلار، مەن چوقۇم سىلەرنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن، _ دېدى. يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىغا مېھرىبانلىق بىلەن تەسەللى بېرىشى ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى.


لېكىن ئۇ دىنانى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشمەكچى بولدى.


قېرىنداشلار، ئەگەر ئاراڭلاردا بىرىنىڭ ھازىرمۇ گۇناھ سادىر قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان بولسا، ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن سىلەر ئۇنى مۇلايىملىق بىلەن توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزۈڭلارنىڭمۇ ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار.


- چىقمىدى، ھەزرەتلىرى، - دېدى ئايال. ھەزرىتى ئەيسا: - مەنمۇ سىزنى سوراق قىلمايمەن. قايتىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھ قىلماڭ! - دېدى.{


مەريەمنىڭ لايىقى يۈسۈپ دۇرۇس ئادەم بولغاچقا، مەريەمنى خالايىق ئالدىدا نومۇسقا قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن جىمجىتلا ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى.


شۇنداق بولسىمۇ، مەن ئۇنى قايتىدىن ئۆزۈمگە قىزىقتۇرىمەن. چۆلگە ئاپىرىپ، شېرىن سۆزلەر بىلەن كۆڭلىنى ئالىمەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر ئادەم ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئۇ ئايال ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، باشقا بىرىگە خوتۇن بولۇپ كەتسە، ئالدىنقى ئېرى ئۇ ئايالنى قايتا نىكاھىغا ئالسا بولامدۇ؟! بۇنداق بىمەنىچىلىك پۈتۈن يۇرتنى بۇلغىمامدۇ؟! شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەر ئىسرائىللار خۇددى پاھىشىلەردەك پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى نۇرغۇن بۇت ئىلاھلارغا ئاتىۋەتتىڭلار. سىلەر قايسى يۈزۈڭلار بىلەن ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارالايمىز› دەپ ئويلايسىلەر؟


بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇغداي ئورۇش پەسلى كەلگەندە، شىمشون ئوغلاقتىن بىرنى ئېلىپ ئايالىنى يوقلاپ كەلدى. شىمشون: _ مەن ئايالىمنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن، _ دېدى. بىراق قېيىنئاتىسى ئۇنى كىرگۈزمىدى.


بىلئام ماڭغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ غەزىپى كەلدى. بىلئام ئېشىكىنى مىنىپ، ئىككى خىزمەتكارىنى ئەگەشتۈرۈپ يولدا كېتىۋاتاتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يولدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ يولىنى توستى.


ئەگەر بىرسى باشقا بىرىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغان بولسا، زىنا قىلغان ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن.


قېرىندىشىڭلارغا ئاداۋەت ساقلىماڭلار، ئەيىبىنى يۈزىگە دەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ گۇناھىغا شېرىك بولۇپ قالمايسىلەر.


بىراق ئۇنىڭ توقىلى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئېرىنى تاشلاپ، يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ياشايدىغان ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىۋېلىپ، ئۇ يەردە تۆت ئاي تۇردى.


قېيىنئاتىسى ئۇنى ئۈچ كۈن تۇتۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئۆيدە يەپ-ئىچىپ، تۇرۇپ قالدى.


ئۇ ئايال تاڭ ئاتقاندا ئۆزلىرىنى قوندۇرۇپ قالغان بوۋاينىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، شۇ يەردە يىقىلىپ قېلىپ، سەھەرگىچە شۇ يەردە ياتتى.


مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، ئۇ كۈن كەلگەندە، سەن مېنى ‹ئېرىم› دەپ چاقىرىسەن، ‹خوجايىنىم› دەپ چاقىرمايسەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite