Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 13:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئايال ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ خۇدانىڭ ئەۋەتكەن ئادىمى يېنىمغا كەلدى، ئۇنىڭ تۇرقى خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشاش ئادەمنى بەك ھېيىقتۇرىدىكەن. مەن ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى سورىمىدىم، ئۇمۇ ماڭا ئۆز ئىسمىنى ئېيتىپ بەرمىدى.

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 13:6
29 Referans Kwoze  

لېكىن خىزمەتكارى ئۇنىڭغا: _ ئالدىمىزدىكى شەھەردە خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن بىر ئادەم بار. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا چىقىدۇ. شۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بارساق، بەلكىم ئۇ بىزگە ئىزدەيدىغان يېرىمىزنى ئېيتىپ بېرەر، _ دېدى.


بۇ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسانىڭ دۇنيادىن كېتىش ئالدىدا ئىسرائىللارغا بەخت تىلەپ قىلغان دۇئاسىدۇر.


ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ئۇچامغا قويۇپ مۇنداق دېدى: - قورقما، تۇنجى ۋە ئاخىرقى مەن بولىمەن.


كېڭەشمىدە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئىستىپانغا كۆز تىكىپ قارىغىنىدا، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ خۇددى پەرىشتىنىڭ چىرايىغا ئوخشاش پارقىراۋاتقانلىقىنى كۆردى.


ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ يۈزى ئۆزگەردى. كىيىملىرى ئاپئاق بولۇپ، چاقماقتەك چاقنىدى.


پەرىشتە: - مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى جەبرائىل بولىمەن. مېنى خۇدا ساڭا بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى.


ئۇ ماڭا: _ ئەي دانىيال، خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ! ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا. مەن سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم، _ دېدى. مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ، تىترىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم.


ئۇ ۋاقىتتا مەن يۇقىرىغا قارىغانىدىم، ئۇچىسىغا زىغىر رەختتىن تىكىلگەن لىباس ئارتقان، بېلىگە ساپ ئالتۇن كەمەر باغلىغان بىرسىنى كۆردۈم.


جەبرائىل ئالدىمغا كەلدى. مەن قورقۇپ، يەرگە باش قويدۇم. ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم، شۇنى بىلگىنكى، بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلار زامان ئاخىرىنىڭ بېشارىتىدۇر، _ دېدى.


ئۇ ئايال ئېرىگە: _ قاراڭ، بىزنىڭ بۇ يەردىن ئۆتىدىغان ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى خۇداغا ئاتىغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم.


ئەي خۇدانىڭ سادىق بەندىسى، سەن بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇر. ھەققانىيلىق، ئىخلاسمەنلىك، ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت، سەۋر-تاقەت ۋە مۇلايىملىقنى ئىزدە.


ئېلىشا ئايالغا: _ كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا بىر ئوغۇل پەرزەنت قۇچىقىڭىزدا بولىدۇ، _ دېدى. ئايال: _ ئى خوجام، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى! ئاجىزەلىرىگە يالغان ئېيتمىغايلا، _ دېدى.


تۇل ئايال ئىلياسقا: _ مەن سىزنىڭ خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئىكەنلىكىڭىزنى، ئاغزىڭىزدىن چىققان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدىم، _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ئىلياسقا: _ ئى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، ماڭا نېمە ئۈچۈن بۇنداق مۇئامىلە قىلىسىز؟ سىز بۇ يەرگە گۇناھلىرىمنى ئېسىمگە سالغىلى ۋە ئوغلۇمنى ئۆلتۈرگىلى كەلگەنمىدىڭىز؟ _ دېدى.


بىر كۈنى بىر پەيغەمبەر روھانىي ئەلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىسرائىللار پىرئەۋنگە قۇل بولۇپ يۈرگەندە، مەن ئەجدادىڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگە ئۆزۈمنى زاھىر قىلغانىدىم.


ئايالىغا: _ بىز ئۆلىدىغان بولدۇق، چۈنكى بىز خۇدانى كۆردۇق، _ دېدى.


مانوۋاخ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ: _ ئەي ئىگەم، سەن ئەۋەتكەن شۇ ئادەمنى يەنە بىر قېتىم ئەۋەتكەيسەن. ئۇ بىزگە تۇغۇلغان بالىنى قانداق تەربىيەلەيدىغانلىقىمىز ھەققىدە تەلىم بەرسۇن، _ دېدى.


ئىسرائىللار گىلگالدا قارارگاھ قۇرۇپ تۇرۇۋاتقان چاغدا، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرى يوشۇۋانىڭ ئالدىغا كىرىپ كېلىشتى. قېناز جەمەتىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ كادېش-بارنېيادا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يېقىن ئادىمى مۇسا پەيغەمبەرگە سەن ۋە مەن توغرۇلۇق نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى بىلىسەن.


مەن سېنىڭ ئاتاڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن، شۇنداقلا ئەجدادلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادۇرمەن، _ دېدى. بۇنى ئاڭلىغان مۇسا خۇداغا قاراشقا پېتىنالماي، يۈزىنى ئېتىۋالدى.


ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى تۇيۇقسىز چاتقاللىقتىكى يالقۇنجاپ يېنىۋاتقان ئوت ئىچىدىن ئۇنىڭغا كۆرۈندى. ئۇ كۆردىكى، چاتقاللىقتا ئوت كۆيۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چاتقاللىق كۆيمەيۋاتاتتى.


ياقۇپ ئۇنىڭدىن: _ ئېيتقىن، ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى. ھېلىقى كىشى: _ نېمىشقا ئىسمىمنى سورايسەن، _ دېدى ۋە ياقۇپقا بەخت ئاتا قىلدى.


ئۇ قارىۋىدى، ئۇدۇلىدا ئۈچ كىشىنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ شۇ ھامان ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئېڭىشىپ تەزىم قىلدى


كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئوفراھ يېزىسىغا كېلىپ، يوئاشقا تەئەللۇق بولغان بىر تۈپ پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى. يوئاش بولسا ئابىئەزەر جەمەتىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى گىدئون مىديانلاردىن يوشۇرۇنچە ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە بۇغداي ئېزىۋاتاتتى.


پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ ئايالىغا كۆرۈنۈپ، مۇنداق دېدى: _ قارا، سەن ھازىرغىچە پەرزەنت يۈزى كۆرەلمىگەنىدىڭ، ئەمما كۆپ ئۆتمەي ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن.


ئەمما ئۇ ماڭا: «سەن چوقۇم ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن. ئەمدى مەي ياكى شاراب ئىچمىگىن. ھارام نەرسىلەرنى يېمىگىن. بۇ ئوغۇل قورساقتىكى ۋاقتىدىن باشلاپ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلانغان بولىدۇ.» دېدى، _ دېدى.


ئايالى ئالدىراپ ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ ئالدىنقى كۈنى ماڭا كۆرۈنگەن ئادەم يەنە كەلدى، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite