Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 13:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ ئايالىغا كۆرۈنۈپ، مۇنداق دېدى: _ قارا، سەن ھازىرغىچە پەرزەنت يۈزى كۆرەلمىگەنىدىڭ، ئەمما كۆپ ئۆتمەي ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن.

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 13:3
16 Referans Kwoze  

بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا: - ئەي زەكەرىيا، قورقمىغىن! خۇدا دۇئايىڭنى قوبۇل قىلدى. ئايالىڭ ئېلىزابېت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن.


تۇيۇقسىز ئىسرىقداننىڭ ئوڭ تەرىپىدە زەكەرىياغا خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتە كۆرۈندى.


مانوۋاخ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ: _ ئەي ئىگەم، سەن ئەۋەتكەن شۇ ئادەمنى يەنە بىر قېتىم ئەۋەتكەيسەن. ئۇ بىزگە تۇغۇلغان بالىنى قانداق تەربىيەلەيدىغانلىقىمىز ھەققىدە تەلىم بەرسۇن، _ دېدى.


پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گىلگال شەھىرىدىن بوقىمغا كېلىپ ئىسرائىللارغا: _ مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئەجدادلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ باردىم. مەن سىلەرگە: «سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ھەرگىز بۇزمايمەن.


ئېلىشا ئايالغا: _ كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا بىر ئوغۇل پەرزەنت قۇچىقىڭىزدا بولىدۇ، _ دېدى. ئايال: _ ئى خوجام، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى! ئاجىزەلىرىگە يالغان ئېيتمىغايلا، _ دېدى.


مېھمانلاردىن بىرى، يەنى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا مەن يەنە چوقۇم كېلىمەن. شۇ چاغدا ئايالىڭ سارە بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ، _ دېدى. سارە ئۇلارنىڭ كەينىدىكى چېدىردا ئىشىك تۈۋىدە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتى.


مەن ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلىمەن، سېنىڭ ئۇنىڭدىن بىر ئوغلۇڭ بولىدۇ. سارە نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن پادىشاھلار چىقىدۇ.


ھاننا ھامىلىدار بولۇپ، ۋاقىت-سائىتى توشقاندا بىر ئوغۇل تۇغدى. ھاننا: «ئۇنى پەرۋەردىگاردىن ئۇنى تىلىۋالدىم» دەپ، ئوغلىنىڭ ئىسمىنى سامۇئىل [ئىبرانىي تىلىدىكى «خۇدا ئاڭلىدى» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويدى.


ئايالى ئالدىراپ ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ ئالدىنقى كۈنى ماڭا كۆرۈنگەن ئادەم يەنە كەلدى، _ دېدى.


ئايال ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ خۇدانىڭ ئەۋەتكەن ئادىمى يېنىمغا كەلدى، ئۇنىڭ تۇرقى خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشاش ئادەمنى بەك ھېيىقتۇرىدىكەن. مەن ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى سورىمىدىم، ئۇمۇ ماڭا ئۆز ئىسمىنى ئېيتىپ بەرمىدى.


پەرۋەردىگار گىدئونغا بۇرۇلۇپ: _ سەن ئىسرائىللارنى مىديانلارنىڭ قولىدىن پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن قۇتقۇزغىن. سېنى مانا مەن ئۆزۈم ئەۋەتىمەن! _ دېدى.


مانوۋاخ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: _ سىزگە ئاتاپ بىر ئوغلاق سوياي، پىشقۇچە بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرغايسىز، _ دېدى.


مەن پەرۋەردىگار قىلالمايدىغان ئىش بارمۇ!؟ ئېيتقىنىمدەك، كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا قايتا كېلىمەن. ئۇ چاغدا سارە چوقۇم بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite