Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 12:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 يىفتاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بەيتلەھەملىك ئىبزان ئىسرائىل خەلقىگە سەردار بولدى.

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 12:8
10 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا ھىرود پادىشاھ زامانىسىدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيتلەھەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلدى. كېيىن، شەرقتىن بەزى مۇنەججىملەر يېرۇسالېمغا كېلىپ، كىشىلەرگە:


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئەفراتادىكى بەيتلەھەم، سەن يەھۇدا قەبىلىسىگە قاراشلىق كىچىك بىر يەرسەن. لېكىن سەندىن بىرسى مەن ئۈچۈن چىقىدۇ، ئۇ ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ نەسەبى ئەلمىساققا تۇتىشىدۇ.»


پەرۋەردىگار سامۇئىلغا مۇنداق دېدى: _ مەن سائۇلنىڭ ئىسرائىلىيەگە داۋاملىق پادىشاھ بولۇشىنى رەت قىلغان تۇرسام، سەن تېخىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرىۋاتامسەن؟ سەن مۈڭگۈزگە زەيتۇن يېغى تولدۇرۇپ، بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ ئۆيىگە بارغىن. مەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى پادىشاھلىققا تاللىماقچىمەن.


بۇ زېمىن قېنلار، قېنازلار، قادمونلار،


يىفتاھ ئىسرائىل خەلقىگە ئالتە يىل سەردار بولدى. ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا، گىلئاد زېمىنىدىكى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە دەپنە قىلىندى.


ئۇنىڭ 30 ئوغلى، 30 قىزى بار ئىدى. قىزلىرىنى باشقا جەمەتلەرگە ياتلىق قىلدى. ئوغۇللىرىغا باشقا جەمەتلەردىن قىز ئېلىپ بەردى. ئىبزان ئىسرائىللارغا يەتتە يىل سەردار بولدى.


ئۇلارنىڭ زېمىنى جەمئىي 12 شەھەر بولۇپ، قاتتات، ناخالال، شىمرون، يىدئالا ۋە بەيتلەھەم شەھەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.


ئابىمەلەك ئۆلگەندىن كېيىن، ئىسساكار قەبىلىسىدىن بولغان پۇئاھنىڭ ئوغلى، دودونىڭ نەۋرىسى تولاھ ئىسرائىل خەلقىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ شامىر دېگەن يېرىدە ياشايتتى.


يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر ياش يىگىت يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ياشايتتى.


ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق بولۇپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ چەت بىر يېرىدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم ياشايتتى. ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ياشايدىغان بىر ئايالنى ئۆزىگە توقاللىققا ئالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite