Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 12:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 گىلئادلىقلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتىشىدا دەريادىن ھېچكىمنى ئۆتكۈزمىدى. ھەرقانداق بىرسى كېچىكتىن ئۆتمەكچى بولسا، گىلئادلىقلار ئۇنىڭدىن: «سەن ئەفرايىم قەبىلىسىدىنمۇ؟» دەپ سورايتتى. ئەگەر ئۇ كىشى «ياق، ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرسە،

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 12:5
9 Referans Kwoze  

ئۇلارغا: _ مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىڭلار! پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭلار موئابلارنى قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، _ دېدى. ئۇلار ئېھۇد بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى ئىگىلەپ، ھېچقانداق ئادەمنى دەريادىن ئۆتكۈزمىدى.


ئىسرائىللارنىڭ قالغان قەبىلىلىرىگە رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەرنىڭ كەنئان زېمىنىنىڭ پاسىلىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى گىلىلوتتا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلدى.


گىدئون ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا: _ سىلەرمۇ مىديانلارغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىڭلار، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى بەيت-باراھ شەھىرىگىچە ئىگىلەپ، مىديانلارنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىگە يول قويماڭلار، _ دېدى. ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى توپلىنىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى تاكى بەيت-باراھ شەھىرىگىچە ئىگىلىدى.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئەۋەتكەن ئادەملەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىگە بارىدىغان يولدا ئۇلارنى قوغلىدى. قوغلاپ كەلگەنلەر شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، شەھەر دەرۋازىسى تاقالدى.


ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەر مۇنداق دېيىشتى: _ سىلەر گىلئادلىقلار پەقەت ئەفرايىم ۋە ماناسسە زېمىنلىرىدا ياشاۋاتقان ئەفرايىملىق قاچقۇنسىلەر! شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ بارلىق گىلئادلىقلارنى يىغىپ، ئەفرايىم قوشۇنىغا قارشى ئاتلاندى ۋە ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى.


گىلئادلىقلار يەنە: «ئۇنداقتا ‹شىببولەت› دەپ باق» دەيتتى. ئەگەر ئۇ كىشى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولسا، «سىببولەت» دەپ تەلەپپۇز قىلاتتى. چۈنكى ئەفرايىملار بۇ سۆزنى توغرا تەلەپپۇز قىلالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن گىلئادلىقلار ئۇنى تۇتۇپ، ئىئوردان دەرياسى كېچىكىدە ئۆلتۈرۈۋېتەتتى. شۇنداق قىلىپ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن 42 مىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈلدى.


يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر ياش يىگىت يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ياشايتتى.


ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا جايلاشقان راماتايىم-زوفىم شەھىرىدە بىر كىشى ياشايتتى. ئۇنىڭ ئىسمى ئەلقانا بولۇپ، ئۇ يىروخامنىڭ ئوغلى ئىدى. يىروخام ئەلىھۇنىڭ ئوغلى، ئەلىھۇ تۆھۈنىڭ ئوغلى، تۆھۈ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولغان زۇفنىڭ ئوغلى ئىدى.


پادىشاھ سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى، يەنى نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئاممۇ پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. ئۇ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولۇپ، زىرېدا شەھىرىدىن ئىدى. ئانىسىنىڭ ئىسمى زىرۇئا بولۇپ، بىر تۇل خوتۇن ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite