Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 12:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 سىلەرنىڭ ياردەمگە كەلمەيدىغانلىقىڭلارنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، مەن ئۇلار بىلەن جان تىكىپ جەڭ قىلدىم. پەرۋەردىگار ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئەمدى سىلەر نېمىشقا بۈگۈن مەن بىلەن جەڭ قىلماقچى بولىسىلەر؟

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 12:3
11 Referans Kwoze  

جېنىمنى تىكىپ قويدۇم، ھاياتىمنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىشىغا قارىمايمەن.


باخشى ئايال سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ: _ قارىسىلا، كەمىنە خىزمەتكارلىرى سىلىنىڭ سۆزلىرىگە كىرىپ، ئۆلۈمگە قارىماي تاپشۇرۇقلىرىنى ئورۇندىدى.


ئۇ جېنىنى تىكىپ قويۇپ، ھېلىقى فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى. پەرۋەردىگار ئۇ ئارقىلىق ئىسرائىللارنى چوڭ غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. شۇ چاغدا سىز بۇلارنى كۆرۈپ خۇشال بولغانىدىڭىز. ئەمدى نېمىشقا بىكاردىن-بىكار بىگۇناھ داۋۇتنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۆزىڭىزنى گۇناھكار قىلماقچى بولىسىز؟ _ دېدى.


ھاياتىم بولسىمۇ دائىم خەۋپ ئاستىدا، ئەمما تەلىملىرىڭنى ئۇنتۇماسمەن ئەسلا.


قېرىنداشلىرىمىز قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇنىڭ قىلغان گۇۋاھلىقى بىلەن ئەجدىھانى يەڭدى. ئۇلار ھەتتا ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ئۆز جېنىنى ئايىمىدى.


ئۇلار مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىمخەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىمىدى. يالغۇز مەنلا ئەمەس، يەھۇدىي بولمىغان ھەممە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر.


خۇدا بىزگە ياردۇر، ئۇ بىزنى باشلايدۇ. ئۇنىڭ روھانىيلىرى سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ كانىيىنى چېلىپ، چاقىرىق قىلىدۇ. ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن قارشىلاشماڭلار، سىلەر غەلىبە قىلالمايسىلەر.


مەن سىلەرگە قارشى ھېچقانداق خاتا ئىش قىلمىدىم، ئەمما سىلەر ماڭا قارشى ئۇرۇش قىلماقچى بولۇپ، ناتوغرا ئىش قىلىۋاتىسىلەر. بۈگۈن ئاممونلار بىلەن ئىسرائىللار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئىشقا ئالەمنىڭ ھۆكۈمدارى پەرۋەردىگار ئۆزى ھۆكۈم چىقارسۇن.»


ئاتام سىلەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ، ھاياتىغا تەۋەككۈل قىلىپ سىلەرنى مىديانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى.


يىفتاھ جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ مەن خەلقىم بىلەن بىرلىكتە ئاممونلار بىلەن قاتتىق ئۇرۇش قىلغاندا سىلەرنى شۇنچە چاقىرساممۇ، لېكىن سىلەر بىزنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالمىدىڭلار.


ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەر مۇنداق دېيىشتى: _ سىلەر گىلئادلىقلار پەقەت ئەفرايىم ۋە ماناسسە زېمىنلىرىدا ياشاۋاتقان ئەفرايىملىق قاچقۇنسىلەر! شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ بارلىق گىلئادلىقلارنى يىغىپ، ئەفرايىم قوشۇنىغا قارشى ئاتلاندى ۋە ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite