2 يىفتاھ جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ مەن خەلقىم بىلەن بىرلىكتە ئاممونلار بىلەن قاتتىق ئۇرۇش قىلغاندا سىلەرنى شۇنچە چاقىرساممۇ، لېكىن سىلەر بىزنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالمىدىڭلار.
ئەفرايىم قەبىلىسى قوشۇن توپلاپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، زافون شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار يىفتاھقا: _ سەن نېمە ئۈچۈن ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چاغدا بىزنى چاقىرىۋالمىدىڭ؟ بىز ئۆيۈڭنى سەن بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمىز! _ دېدى.
سىلەرنىڭ ياردەمگە كەلمەيدىغانلىقىڭلارنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، مەن ئۇلار بىلەن جان تىكىپ جەڭ قىلدىم. پەرۋەردىگار ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئەمدى سىلەر نېمىشقا بۈگۈن مەن بىلەن جەڭ قىلماقچى بولىسىلەر؟