5 ئاممونلار ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، گىلئادلىق ئاقساقاللار توب زېمىنىدا ياشاۋاتقان يىفتاھنىڭ ئالدىغا باردى.
خەلق سامۇئىلغا: _ سائۇل قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولالىسۇن دېگەنلەر كىملەر؟ ئۇلار ئوتتۇرىغا چىقىرىلسۇن، بىز ئۇلارنى ئۆلتۈرىمىز، _ دېيىشتى.
ئاممونلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يەھۇدا، بىنيامىن ۋە ئەفرايىم قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلدى. ئىسرائىللار قاتتىق مۈشكۈلاتتا قالدى.
لېكىن بەزى ئوسال كىشىلەر: _ بۇ ئادەم قانداقمۇ بىزنى قۇتقۇزالايدۇ؟ _ دېيىشىپ، سائۇلنى مەنسىتمەي، ئۇنىڭغا ھېچقانداق سوۋغات بەرمىدى. سائۇل ھېچنېمە دېمىدى.
بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاممونلار ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى.
ئۇلار يىفتاھقا: _ بىز ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلماقچى. سەن قايتىپ كېلىپ، بىزگە سەركەردە بولغىن، _ دېدى.
ئاممونلار پايتەخت رابباھ شەھىرىدىن چىقىپ، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇردى. زوباھ ۋە رىخوبتىكى ئارراملار، توبلۇقلار ۋە مائاكانىڭ ئادەملىرى دالادا ئايرىم بىر سەپ تۈزدى.
ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، بەيت-رىخوب ۋە زوباھتىكى ئارراملاردىن 20 مىڭ پىيادە لەشكەر، مائاكا پادىشاھىدىن مىڭ لەشكەر، توبلۇقلاردىن 12 مىڭ لەشكەر ياللىدى.