3 شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ قېرىنداشلىرىدىن قېچىپ، توب زېمىنىغا بېرىپ، شۇ يەردە ياشىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر توپ ئۆكتەملەر توپلىشىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
ئۇلار ئابىمەلەككە بائال-بىرىت بۇتخانىسىدىن 70 كۈمۈش تەڭگە بەردى. ئابىمەلەك بۇ تەڭگىلەرنى بىر توپ چاكىنا ئۆكتەملەرنى ياللاشقا ئىشلەتتى.
ئاممونلار پايتەخت رابباھ شەھىرىدىن چىقىپ، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇردى. زوباھ ۋە رىخوبتىكى ئارراملار، توبلۇقلار ۋە مائاكانىڭ ئادەملىرى دالادا ئايرىم بىر سەپ تۈزدى.
ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، بەيت-رىخوب ۋە زوباھتىكى ئارراملاردىن 20 مىڭ پىيادە لەشكەر، مائاكا پادىشاھىدىن مىڭ لەشكەر، توبلۇقلاردىن 12 مىڭ لەشكەر ياللىدى.
شۇنىڭ بىلەن بېشىغا كۈن چۈشكەن، قەرزگە بوغۇلغان ۋە نارازىلىقى بولغان ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلىشتى. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ئۇلارغا يولباشچى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر تۆت يۈزچە كىشى ئىدى.
بىراق، يەھۇدىيلار بۇنىڭغا ھەسەتخورلۇق قىلدى. ئۇلار كوچىدا بىكار يۈرىدىغان ئاقنانچىلارنى توپلاپ، شەھەردە توپىلاڭ كۆتۈردى. يەھۇدىيلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى تۇتۇپ، توپىلاڭچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىش مەقسىتىدە ياسۇن ئىسىملىك بىر ئېتىقادچىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىردى.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئالتە يۈز ئادىمىنى باشلاپ، چېگرادىن ئۆتۈپ، مائوكنىڭ ئوغلى، گات پادىشاھى ئاكىشنىڭ يېنىغا پاناھلانغىلى باردى.
گىلئادنىڭ ئايالىمۇ ئۇنىڭغا بىرنەچچە ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىن، يىفتاھنى قوغلاپ چىقاردى ۋە ئۇنىڭغا: _ سېنىڭ ئاتىمىزنىڭ ئۆي-زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ھەققىڭ يوق! چۈنكى سەن دېگەن باشقا ئايالنىڭ بالىسى، _ دېدى.