Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 11:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ گىلئادلىق ئاقساقاللار بىلەن بىرگە گىلئادقا قايتتى. خەلق ئۇنى ئۆزلىرىگە باش ۋە سەركەردە قىلدى. يىفتاھ مىزپاھ شەھىرىدە گىلئادلىق ئاقساقاللارغا ئېيتقان سۆزلىرىنى پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن دەپ، يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 11:11
14 Referans Kwoze  

سامۇئىل ئىسرائىل خەلقىنى مىزپاھقا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چاقىردى


شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىللار شىمالدىكى داندىن تارتىپ، جەنۇبتىكى بەئەرشەبا ۋە شەرقتىكى گىلئادقىچە بولغان زېمىنلاردىن كېلىپ، مىزپاھ شەھىرىدە توپلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر گەۋدە بولدى.


ئاممونلار يېتىپ كېلىپ، گىلئاد زېمىنىدا بارگاھ قۇردى. ئىسرائىللارمۇ توپلىشىپ، مىزپاھ شەھىرىدە بارگاھ قۇردى.


ھەرقانداق ئېسىل ۋە كەم-كۈتىسىز ئىلتىپات خۇدادىن كېلىدۇ. ئاسماندىكى پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنى ياراتقان خۇدا يورۇقلۇقتىن پەيدا بولغان كۆلەڭگىلەردەك ئۆزگىرىشچان ئەمەس.


ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇندىلا، ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.


خەلق گىلگالغا بېرىپ، پەرۋەردىگار ئالدىدا سائۇلنىڭ پادىشاھ ئىكەنلىكىنى يېڭىباشتىن ئېتىراپ قىلىشتى ھەم پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئامانلىق قۇربانلىقلىرى سۇنۇشتى. سائۇل ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى شاد-خۇراملىققا چۆمدى.


دىلئان، مىزپاھ، يوقتىئېل،


بىز ھەممە ئىشنى ئۆز ئىقتىدارىمىز بىلەن قىلالايمىز، دېمەكچى ئەمەسمەن. چۈنكى، بىزنىڭ ئىقتىدارىمىز خۇدادىن كەلگەندۇر.


ئاندىن يىفتاھ ئاممونلارنىڭ پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن: _ سەن نېمە ئۈچۈن زېمىنىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ، بىز بىلەن ئۇرۇشماقچى بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ روھى يىفتاھنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گىلئاد ۋە ماناسسە زېمىنىدىن ئۆتۈپ، گىلئاد زېمىنىدىكى مىزپاھ شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، شۇ يەردىن ئاممونلارغا ھۇجۇمغا ئۆتتى.


يىفتاھ مىزپاھ شەھىرىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، ئالدىغا قىزى داپ چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، كۈتۈۋالغىلى چىقتى. ئۇ يىفتاھنىڭ بىردىنبىر بالىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئوغلى ياكى قىزى يوق ئىدى.


سامۇئىل ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ سۆزلەرنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite