سەردارلار 10:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يات ئىلاھلىرىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارغا يەنە خىزمەت قىلدى. پەرۋەردىگار ئاخىرى ئىسرائىللارنىڭ زۇلۇم تارتىشىغا قاراپ تۇرالمىدى. Gade chapit la |
پادىشاھ ئاسا ئودېدنىڭ ئوغلى ئازاريا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئىلھاملىنىپ، پۈتۈن يەھۇدا، بىنيامىن زېمىنلىرىدىكى ۋە ئۆزى تارتىۋالغان ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا جايلاشقان ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يىرگىنچلىك بۇتلارنى ئالدۇرۇۋەتتى ھەمدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسىنى يېڭىلىدى.
سامۇئىل ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سىلەر چىن قەلبىڭلاردىن پەرۋەردىگارغا قايتا يېقىنلىشىشنى نىيەت قىلساڭلار، يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى ۋە ئىلاھە ئاشتورەتنىڭ بۇتلىرىدىن ئادا-جۇدا بولۇڭلار. ئۆزۈڭلارنى تەلتۆكۈس پەرۋەردىگارغا ئاتاڭلار، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلارلا، ئۇ سىلەرنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ.
لېكىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتى، مېھىر-شەپقىتى ۋە ئېتىبارىغا ئېرىشىپ كەلدى. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى بار ئىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى تاكى يىھوئاخازنىڭ دەۋرىگىچە خاراب قىلىشنى ۋە ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاشنى خالىمىغانىدى.