10 ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا: _ بىز سەن خۇدايىمىزدىن يۈز ئۆرۈپ، بائالغا چوقۇنۇپ، سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، _ دەپ نالە-پەرياد قىلدى.
ئاتا-بوۋاڭلار ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشكەندە، پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگار، بىز سەندىن يۈز ئۆرۈپ، بائال ۋە ئاشتورەتكە چوقۇنۇپ، گۇناھ قىلدۇق. ئەمدى بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن، بىز ساڭا ئىبادەت قىلايلى» دەپ يېلىندى.
كۈلپەتتە قالغىنىدا نىدا قىلغانىدى پەرۋەردىگارغا، پەرۋەردىگار چىقاردى ئۇلارنى كۈلپەتتىن ئازادلىققا.
كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ نالە-پەرياد قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلەپ بەردى. بۇ ئادەم ئوتنىئېل بولۇپ، ئۇ كالىبنىڭ ئىنىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئىدى.
ئاممونلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يەھۇدا، بىنيامىن ۋە ئەفرايىم قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلدى. ئىسرائىللار قاتتىق مۈشكۈلاتتا قالدى.
شۇنداق قىلىپ پۈتۈن خەلق مىزپاھ شەھىرىگە يىغىلدى. ئۇلار قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، پەرۋەردىگارىغا ئاتاپ تۆكۈشتى ۋە كۈنبويى روزا تۇتۇپ، «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدۇق» دەپ ئىقرار قىلىشتى. سامۇئىل ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشنى مىزپاھ شەھىرىدە باشلىدى.
سىلەر ياغاچ بۇتلارغا: ‹سەن مېنىڭ ئاتام› دەيسىلەر، سىلەر تاش بۇتلارغا: ‹سەن ماڭا ھاياتلىق بەرگەن› دەيسىلەر. ماڭا ئېتىقاد قىلىشنىڭ ئورنىغا، مەندىن يۈز ئۆرۈيسىلەر. لېكىن قىيىنچىلىققا يولۇققان ۋاقتىڭلاردا ‹كېلىپ، بىزنى قۇتقۇزغىن!› دەپ، ماڭا يېلىنىسىلەر.
ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلەپ نالە-پەرياد قىلدى. چۈنكى يابىننىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن 900 جەڭ ھارۋىسى بولۇپ، ئۇ ئىسرائىللارغا 20 يىل رەھىمسىزلىك بىلەن زۇلۇم سېلىپ كەلگەنىدى.
ئىسرائىللار مىديانلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلدى.