Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 1:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئادونى-بەزەق قاچقاندا، ئۇلار ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋېلىپ، پۇت-قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىنى كېسىۋەتتى.

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 1:6
12 Referans Kwoze  

سەن بۇ قوچقارنى بوغۇزلاپ، قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولىنىڭ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈركەپ قويغىن. ئېشىپ قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچقىن.


يەھۇدا قەبىلىسى بىلەن شىمون قەبىلىسى ئۇ يەردە كەنئانلار ۋە پەرىززىلەرنىڭ پادىشاھى بولغان ئادونى-بەزەق بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى.


ئادونى-بەزەق: _ مەن ئىلگىرى 70 پادىشاھنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىنى كېسىۋەتكەنىدىم، ئۇلار مېنىڭ داستىخىنىمدىن ئاشقان تاماقلارنى تېرىپ يەيتتى. ئەمدى خۇدا قىلغانلىرىمنى ئۆزۈمگە ياندۇردى، _ دېدى. ئۇ يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئۆلدى.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ دېڭىزغا قولۇڭنى شىلتى، بۆلۈنگەن سۇ ئەسلىگە كەلسۇن. مىسىرلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى، ھارۋىلىق لەشكەرلىرى سۇغا غەرق بولسۇن، _ دېدى.


كۆزگە كۆز، چىشقا چىش، قولغا قول، پۇتقا پۇت،


يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كالىب: _ قىرئات-سېفەر شەھىرىنى كىم ئالسا، قىزىم ئاكساھنى شۇنىڭغا بېرىمەن، _ دېدى.


بۇ پەرمان پۈتۈن ئۆلكىلەردە 12-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 13-كۈنى، يەنى يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشقا بەلگىلەنگەن كۈنى ئوخشاش ئىجرا قىلىنسۇن دەپ بېكىتىلدى.


ئى قالقىنىمىز بولغان ئىگەم، ھالاك قىلما ئۇلارنى، ئۇنتۇمىسۇن خەلقىم ئۇلارنىڭ ھالىنى، قۇدرىتىڭ بىلەن سەرسان قىلغىن ئۇلارنى، يەرگە قاراتقىن ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى.


ياۋ ھۆكۈمدارلىرىنى شەرمەندە قىلىپ پەرۋەردىگار، ئۇلارنى دەشت-چۆل، باياۋاندا سەرسان قىلار.


زەنجىر بىلەن باغلاپ ئۇلارنىڭ شاھلىرىنى، تۆمۈر كىشەن بىلەن كىشەنلەر ئېسىلزادىلىرىنى.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيمەنكى، سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىڭلارنى قويۇپ بەرمىدىڭلار. ئەمدى مەن سىلەرنى قويۇپ بېرىمەن! مەن سىلەرنى ئۇرۇش، كېسەللىك ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈشۈڭلارغا قويۇپ بېرىمەن. مەن دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن ئىشلار ئارقىلىق چۆچۈتىمەن.


ھەر تەرەپتىن شەھەرگە قارشى جەڭگە چاقىرىڭلار. ئۇ تەسلىم بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، سېپىللىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار قىساس ئېلىۋاتىمەن، شۇڭا سىلەر ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىڭلار! ئۇ باشقىلارغا قانداق قىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىڭلار!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite