29 ئەفرايىم قەبىلىسىمۇ گەزەر شەھىرىدە تۇرىدىغان كەنئانلىقلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلىقلار داۋاملىق ئۇلار بىلەن بىرگە ياشىدى.
ئەفرايىم قەبىلىسى كەنئانلارنى گەزەر شەھىرىدىن قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلار داۋاملىق ئەفرايىملار بىلەن بىرگە ياشاپ، ئۇلارغا قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا.
(بۇرۇن مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھى گەزەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ شەھەرنى ئالغاندىن كېيىن، شەھەردىكى كەنئانلىقلارنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتكەن. كېيىن بۇ شەھەرنى پادىشاھ سۇلايمانغا ياتلىق قىلغان قىزىغا سوۋغا قىلىپ بەرگەن.
بۇ چاغدا، گەزەرنىڭ پادىشاھى ھورام قوشۇن باشلاپ، شەھەردىكىلەرگە ياردەمگە كەلگەنىدى. ئەمما يوشۇۋا ھورام پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنىمۇ قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى.
ئىسرائىللار كۈچەيگەن ۋاقتىدا كەنئانلىقلارنى ئۆزلىرىگە قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى. لېكىن ئۇلارنى بۇ شەھەرلەردىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىۋەتمىدى.
زەبۇلۇن قەبىلىسىمۇ قىترون ۋە ناخالال شەھەرلىرىدە تۇرىدىغان ئاھالىلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلىقلار ئۇ يەردە داۋاملىق تۇرۇپ قالدى. لېكىن ئۇلار زەبۇلۇن قەبىلىسى تەرىپىدىن قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىندى.
تۆۋەندىكىلەر پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى سالدۇرۇش، يېرۇسالېمدىكى تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭداش، سېپىل ھەمدە خازور، مىگىددو ۋە گەزەر شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھاشارغا ئادەم ئالغانلىقىنىڭ خاتىرىسىدۇر: