26 كېيىن ئۇ كىشى خىتلارنىڭ يۇرتىغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇ شەھەرگە «لۇز» دەپ ئىسىم قويدى. ئۇ شەھەر شۇنىڭدىن بېرى شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى سەككىز كىلو كۈمۈش، ئاتنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى ئىككى كىلو كۈمۈش ئىدى. پادىشاھ سۇلايماننىڭ سودىگەرلىرى ئۇلارنى خىتلار ۋە ئارراملارنىڭ پادىشاھلىرىغا سېتىشاتتى.
چۈنكى ئىگىمىز ئارراملارنىڭ قوشۇنىغا جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ، ئاتلارنىڭ، يەنى زور بىر قوشۇننىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىك ئاۋازىنى ئاڭلاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بىر-بىرىگە: «ئاڭلىدىڭلارمۇ، ئىسرائىلىيە پادىشاھى خىت ۋە مىسىرنىڭ پادىشاھلىرىغا پۇل بېرىپ، ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنى بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا ياللاپتۇ» دېيىشىپ،
ئۇ كىشى ئۇلارغا يولنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرى شەھەردىكى پۈتۈن ئاھالىلەرنى قىرىپ تاشلاپ، پەقەت ھېلىقى ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىلا ھايات قالدۇردى.
ماناسسە قەبىلىسى بەيتشان، تاناك، دور، يىبلىئام، مىگىددو ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان كەنئانلىقلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. چۈنكى كەنئانلىقلار ئۇ يەرلەردە تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋالغانىدى.