Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سەردارلار 1:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22-23 يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى بەيتەل شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا يار بولدى. بۇ چاغدا بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى لۇز ئىدى. ئۇلار شەھەرگە ئايغاقچى ئەۋەتكەنىدى.

Gade chapit la Kopi




سەردارلار 1:22
12 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىگە ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار تاغلىق رايونلارنى ئىگىلىيەلىدى. لېكىن تۈزلەڭلىكتە ياشايدىغانلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرى بولغاچقا، يەھۇدا قەبىلىسى ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئامالسىز قالدى.


زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، يۈسۈپ قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، بىنيامىن قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى مۆھۈرلەنگەنىدى.


ماناسسە زېمىنىنىڭ چېگرىسىدا بەيتشان، تاناك، مىگىددو، دور شەھەرلىرى ۋە ئۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدا يېزىلار بار ئىدى. بۇ جايلاردا ئىسرائىلنىڭ ئوغلى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ياشايتتى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق بولدى. ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بويسۇنمىدى.


يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسە ۋە ئەفرايىم دەپ، ئىككى قەبىلىگە ئايرىلاتتى. لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى. ئۇلارغا پەقەت ياشىشى ئۈچۈن ئەتراپىدا مال-چارۋا باقىدىغان ئوتلاقلىرى بولغان شەھەرلەر بېرىلگەنىدى.


يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن 40,500 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.


يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما، يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسە قەبىلىسىدىن پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېل،


لېكىن يۈسۈپ تايانغاچقا ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان قادىر خۇداغا، يەنى ئىسرائىلنىڭ پادىچىسىغا، قورام تېشىغا. ئۇنىڭ يايى مەزمۇت، قوللىرى كۈچلۈك يەنىلا.


يوشۇۋا تەخمىنەن 5 مىڭ لەشكەرنى ئاي شەھىرىنىڭ غەربىدىكى بەيتەل بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئارىلىقىغا بۆكتۈرمىگە قويدى.


لېكىن بىنيامىن قەبىلىسى يېرۇسالېم شەھىرىدىكى يىبۇسلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا يىبۇسلار داۋاملىق بىنيامىن قەبىلىسى بىلەن بىرگە ياشاپ كەلمەكتە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite