سەردارلار 1:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 پەرۋەردىگار جاۋابەن: _ يەھۇدا قەبىلىسى چىقسۇن، بۇ زېمىننى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن، _ دېدى. Gade chapit la |
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان شىمون قەبىلىسىگە: _ كەنئانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن بىزگە بېرىلگەن زېمىنغا بىرگە بېرىڭلار. كېيىن سىلەرگە بېرىلگەن زېمىنغا بېرىپ، سىلەرگە ياردەم بېرەيلى، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ يەھۇدا قەبىلىسى بىلەن شىمون قەبىلىسى بىرلىشىپ جەڭ قىلدى. پەرۋەردىگار كەنئانلار بىلەن پەرىززىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئۇلار بەزەق شەھىرىدە ئون مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى.
ھارۇننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس شۇ چاغدا روھانىي ئىدى). ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن: _ بىز يەنە بىر قېتىم قېرىنداشلىرىمىز بىنيامىنلار بىلەن ئۇرۇش قىلايلىمۇ ياكى ئۇرۇشنى توختىتايلىمۇ؟ _ دەپ سوراشتى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا: _ بېرىڭلار، مەن ئەتە ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن، _ دېدى.