6 سىلەرگە قارشى چىققۇدەك كۈچىمۇ بولمىغان گۇناھسىز كىشىلەرنى گۇناھقا مەھكۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ كەلدىڭلار.
سىلەر ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىگەندە، ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يانمايسىلەر. ۋەھالەنكى، ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرىڭلارغا ئېرىشەلمەي، جېدەل-ماجىرا چىقىرىسىلەر. سىلەر خۇدادىن تىلىمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئېرىشەلمەيسىلەر.
ئەمەلدار يازمىنىڭ مۇنۇ قىسمىنى ئوقۇۋاتاتتى: «ئۇ گويا بوغۇزلاشقا ئېلىپ بېرىلغان قويدەك، قوي قىرقىغۇچى ئالدىدا ياتقان پاقلاندەك ئۈن-تىن چىقارماي جىم تۇرىدۇ.
لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەسكى بىلەن تەڭ بولماڭلار. بىرسى ئوڭ يۈزۈڭلارغا ئۇرسا، سول يۈزۈڭلارنىمۇ تۇتۇپ بېرىڭلار.
ئۇ زۇلۇمغا ئۇچرىدى، ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى، لېكىن ئۇ ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى. ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلغان قوزىدەك، خۇددى يۇڭ قىرقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا ياتقان قويدەك، ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى.
مەن ˜ھەققانىيŒ دېگەن ئادەم، ئېتىقادى بىلەن ياشايدۇ. ئەگەر ئۇ ئېتىقادىدىن يانسا، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولمايمەن.»
ئۇ ماڭا: «ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سېنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى بىلىشىڭگە تاللىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئادىل خىزمەتكارى بولغان ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈشۈڭ ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزلەرنى ئاڭلىشىڭ ئۈچۈن سېنى تاللىدى.
بىراق، سىلەر كەمبەغەللەرنى خارلىدىڭلار! سىلەرنى ئەزگەن ۋە سوتقا سۆرىگەنلەر ئەمەلىيەتتە بايلار ئەمەسمۇ؟
سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار زىيانكەشلىك قىلمىغان بىرەر پەيغەمبەر بارمۇ-ھە؟! ئۇلار «خۇدانىڭ ئادالەتچىسى» بولغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغانلارنىمۇ ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىپ، ئۇنىمۇ ئۆلتۈردۈڭلار.
ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللار بولسا خەلقنى كۈشكۈرتۈپ، ۋالىي پىلاتۇستىن بارابباسنى قويۇپ بېرىشنى ۋە ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشنى تەلەپ قىلدۇردى.
لېكىن، ئىجارىكەشلەر يەر ئىگىسىنىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ، ئۆزئارا: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئۈزۈمزارلىقىنى ئىگىلىۋالايلى» دېيىشىپتۇ.
ئۇلار پارا ئېلىپ گۇناھكارنى قويۇپ بېرىدۇ، بىگۇناھقا ئادالەتسىزلىك قىلىدۇ.
دەل مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئەگەر ئادىل ئادەملەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى تەس بولسا، خۇدا يولىدا ماڭمىغانلار ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟»