Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ياقۇپ يازغان خەت 4:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 سىلەر ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىگەندە، ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يانمايسىلەر. ۋەھالەنكى، ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرىڭلارغا ئېرىشەلمەي، جېدەل-ماجىرا چىقىرىسىلەر. سىلەر خۇدادىن تىلىمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئېرىشەلمەيسىلەر.

Gade chapit la Kopi




ياقۇپ يازغان خەت 4:2
14 Referans Kwoze  

ھازىرغىچە مېنىڭ نامىم بىلەن ھېچنېمە تىلىمىدىڭلار. ئەمدى تىلەڭلار، ئېرىشىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن.


ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇندىلا، ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەگەر سىز خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نېمىلىكى ۋە سىزدىن ئۇسسۇلۇق سورىغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىزىدى، ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭدىن شۇنى تىلەيتتىڭىز-دە، ئۇمۇ سىزگە ھاياتلىق سۈيىنى بېرەتتى.


ھارام مال-دۇنياغا ھېرىس ئادەملەرنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، ئالىدۇ بۇ ھارام مال-دۇنيا ئۇلارنىڭ جېنىنى.


شاراب ئادەم ئالدايدۇ. ھاكاۋۇر ئادەم ھېچقاچان جىم تۇرمايدۇ. ئۇ خۇددى جەسەتكە تويماس گۆردەك ياكى ئۆلۈكلەر ماكانىدەك ئاچ كۆزدۇر. ئۇ بارلىق ئەللەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، خەلقلەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ.


بىراق ئاخاز يەشاياغا: _ مەن سورىمايمەن، مەن پەرۋەردىگارنى سىنىمايمەن! _ دېدى.


ھېچبىر يۆلەنچۈكى يوق كىشىلەر بار، ئۇلارنىڭ يا بالىسى، يا قېرىندىشى يوق. لېكىن ئۇلار ئۆمۈر بويى جاپالىق ئىشلەيدۇ، كۆزى بايلىققا تويمايدۇ. ئۇلار ئۆزىدىن: «مەن كىم ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن، نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك خۇشاللىقلاردىن ۋاز كېچىمەن؟» دەپ سورىمايدۇ. بۇمۇ بىر بىھۇدىلىكتۇر، قايغۇلۇق ئىشتۇر.


سىلەرگە قارشى چىققۇدەك كۈچىمۇ بولمىغان گۇناھسىز كىشىلەرنى گۇناھقا مەھكۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ كەلدىڭلار.


قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى خۇدانىڭ نەزىرىدە قاتىلدۇر. ھېچقانداق بىر قاتىلنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.


ئاخاب ئايالىغا: _ چۈنكى مەن يىزرىئەللىك نابوتقا: «ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا سېتىپ بەرگىن، ياكى خالىساڭ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئۈزۈمزارلىق بېرەي» دېگەنىدىم، ئۇ ماڭا «مەن ساڭا ئۈزۈمزارلىقىمنى بەرمەيمەن» دەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite