16 بىراق، ھازىر سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ پىلانىڭلاردىن مەغرۇرلۇق بىلەن ماختىنىسىلەر. بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس.
ماختانما ئەتىكى كۈنۈڭ بىلەن، چۈنكى ئەتىنىڭ نېمە ئېلىپ كېلىشىنى بىلمەيسەن.
سىلەرنىڭ ماختىنىشىڭلار توغرا ئەمەس. «كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرالايدۇ» دېگەن سۆزنى ياخشى بىلىسىلەرغۇ؟
«قاراڭلار، بۇ خۇداغا تايانمىغان كۈچلۈك ئادەم ئىدى، ئۇ پەقەت ئۆز بايلىقىغا تايانغانىدى، باشقىلارنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە كۈچلەنگەنىدى.»
سوۋغات بېرىمەن دەپ ماختانغان لېكىن بەرمىگەن كىشى، خۇددى يامغۇرى يوق قارا بۇلۇت ۋە بوران كەبى.
ئەيش-ئىشرەتتە ھەشەمەتچىلىك بىلەن ياشىسا قانداق، بېرىڭلار ئۇنىڭغا ئازاب ۋە ئەلەم شۇنداق. چۈنكى ماختىنىدۇكى ئۇ ئۆز كۆڭلىدە: ئولتۇرىمەن خانىشتەك تەختتە، تۇل ئەمەسمەن. تۇتماسمەن ئەسلا ماتەم!Œ
لېكىن، قەلبىڭلاردا ھەسەتخورلۇق ۋە شەخسىيەتچىلىك بولسا، ئەقىل-پاراسەتلىكمەن، دەپ ئۆزۈڭلاردىن ماختانماڭلار. ئەگەر ماختانساڭلار، يالغان سۆزلەپ، ھەقىقەتنى يوققا چىقارغان بولىسىلەر.
سەن ئۆزۈڭنىڭ رەزىللىكىڭگە تايىنىپ، ‹قىلغان يامان ئىشلىرىمنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ› دەپ ئويلايسەن. سېنىڭ دانالىقىڭ، بىلىمىڭ سېنى يولدىن ئازدۇردى. سەن ئۆزۈڭچە: ‹دۇنيادا پەقەت مەن بىرلا، مەندىن ئۈستۈن تۇرىدىغان باشقا بىرسى يوق› دەپ ئويلايسەن.
نېچۈن ماختىنىسەن رەزىللىكىڭدىن ئەي نوچى؟ مەڭگۈلۈكتۇر خۇدانىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى.
چۈنكى، بۇ دۇنيادىكى ئىشلار، يەنى جىسمانىي ھەۋەس، ئاچكۆزلۈك ۋە مەغرۇرلۇققا ئوخشاشلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن كەلگەن ئەمەس.