14 ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار خۇددى بىر دەمدىلا پەيدا بولۇپ يوقاپ كېتىدىغان تۇمانغا ئوخشايدۇ.
خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «پۈتكۈل ئىنسان گۈل-گىياھقا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ شان-شەرىپى غازاڭ بولىدىغان چېچەككە ئوخشايدۇ. گىياھلار قۇرۇپ، گۈللەر سولىشىپ ئۆلىدۇ،
بىلىمەن، قىلغانسەن ئۆمرۈمنى نەچچە غېرىچلا، ئۇزۇن ئەمەستۇر ھايات يولۇم سېنىڭ ئالدىڭدا، بىرلا تىنىقتۇر ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى پەقەتلا. سېلاھ
بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەۋەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ. لېكىن، خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغان كىشى مەڭگۈ ياشايدۇ.
ئۆمرۈم مېنىڭ ئىس-تۈتەكتەك كەتمەكتە غايىب بولۇپ، ۋۇجۇدۇم ئۆرتەنمەكتە ئوتتەك كۆيۈپ.
ئەستە تۇتقىن ئى خۇدا، ئۆمرۈمنىڭ قىسقىلىقىنى، نېمىدېگەن بىھۇدىلىكتۇر ئىنساننىڭ ھاياتى.
دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا. شۇڭا، سىلەر ئېغىر-بېسىقلىق ۋە سەگەكلىك بىلەن دۇئا قىلىڭلار.
خۇددى قويچى چېدىرىنى سۆكۈپ كەتكەندەك، ھاياتىم مەندىن تارتىپ ئېلىندى. خۇددى توقۇمىچىنىڭ توقۇش جاھازىسىدىن رەخت كەسكىنىدەك، ھاياتىم كېسىلىپ كەتتى. سەن مېنىڭ ھاياتىمنى بىر كۈندىلا ئېلىپ كەتتىڭ.
ئەسلىدى ئۇ ئۇلارنىڭ ئىنسانلىقىنى، نەپەس كەبى كەتسە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى.
ئوخشار ئىنسان ھاياتى گويا كېتىۋاتقان سايىغا، ئوخشار ئۇنىڭ ئۆمرى بەئەينى بىر تىنىققا.
ماختانما ئەتىكى كۈنۈڭ بىلەن، چۈنكى ئەتىنىڭ نېمە ئېلىپ كېلىشىنى بىلمەيسەن.
ئاجىز بەندىگە ئىشىنىشتىن ۋاز كەچكىن. ئۇ نېمىتتى؟ ئۇ نەپسىدىن ئايرىلسا ئۆلىدۇ، خالاس.
لېكىن بارزىللاي پادىشاھقا: _ سىلى بىلەن يېرۇسالېمغا بارغۇدەك يەنە قانچىلىك ئۆمرۈم قالدى دەيلا؟