8 ئەمما تىلنى ھېچكىم تىزگىنلىيەلمەيدۇ. تىل تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان بىر ئوسال نەرسە بولۇپ، ئۇ خۇددى جانغا زامىن بولىدىغان زەھەرگە ئوخشايدۇ.
«ئېغىزلىرىدىكى گەپ ئوچۇق قەبرىدەك سېسىق، كاززاپلىق قىلىدۇ ھەم تىللىرى. لەۋلىرى خۇددى يىلاننىڭ زەھەرخەندىسى.»
زەھەرلىك يىلانغا ئوخشايدۇ ئۇلارنىڭ تىللىرى، يىلان زەھىرىگە تولغاندۇر ئۇلارنىڭ لەۋلىرى. سېلاھ
تىل دەل شۇ ئوت ئۇچقۇنىغا ئوخشايدۇ. ئۇ ھەر خىل قىلمىشنىڭ مەنبەسى ۋە ئەزالىرىمىز ئىچىدىكى بۇزغۇنچى بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىمىزنى بۇلغىيالايدۇ. بۇ ئوت دوزاخ ئوتىدىن يېقىلسا، ھاياتىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ.
سېرىق مايدىن سىلىقتۇر ئاغزى، بىراق شۇملۇققا تولغاندۇر دىلى. شىكەر-شەربەتتەك سۆزلەر تىلى، لېكىن ئىتتىك شەمشەردەك خەتەرلىكتۇر ئېيتقانلىرى.
مەن ياتارمەن ئارىسىدا شىرلارنىڭ، ئادەم گۆشى يەيدىغان ئاچ كۆزلەرنىڭ. تىللىرى خۇددى ئۆتكۈر قىلىچ بولسا، نەيزە ۋە ئوقلار كەبى چىشلىرى ئۇلارنىڭ.
توختىماستىن ئېغىزلىرىدىن يامانلىق چىقار، تىللىرى ئۇلارنىڭ خەنجەرگە ئوخشار، ئىچىدە «قىلغانلىرىمىزنى كىممۇ بىلەر» دەپ ئويلار.
زەھەرخەندىدۇر ئۇلار زەھەرلىك يىلان كەبى، جاھىللىقى ئۇلارنىڭ نەي ئاۋازىنى ئاڭلىمايدىغان كوبرا بەئەينى، يىلان ئويناتقۇچىنىڭ مۇڭلۇق كۈيىنى ئاڭلىماس ئۇلار قەتئىي.
يىلان ئويناتقۇچىنى يىلان ئوينىتىشتىن ئىلگىرى يىلان چېقىۋالسا، ئۇنداقتا يىلان ئويناتقۇچىنىڭ ماھارىتىنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ.
ئۈزۈمىنىڭ شارابلىرى يىلان، يەنى كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ ئەجەللىك زەھىرىگە ئوخشايدۇ.
چوڭ ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن دۇنيانى ئازدۇرغان ھېلىقى قەدىمىي يىلان ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە يەر يۈزىگە تاشلاندى.
كۆرمەس ياخشىلىق نىيىتى يامان، تارتار ھىيلە-مىكىرلىك تىل زىيان.
ئىنسانلار ياۋايى ھايۋاناتلار، ئۇچارقاناتلار، يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار ۋە سۇ مەخلۇقاتلىرىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ ھەمدە ئۇلارنى ئاللىبۇرۇن تىزگىنلىدى.