3 بىز ئاتلارنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئاغزىغا يۈگەن سالىمىز؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى خالىغان يېرىمىزگە ماڭدۇرالايمىز.
ئات ياكى قېچىردەك ئاڭسىز بولما، قامچا، يۈگەن بولمىسا بويسۇنماس ئۇلار ساڭا.
ئۆز-ئۆزۈمگە دېدىم مەن مۇنداق: «قالماسلىقىم ئۈچۈن بولۇپ گۇناھكار، تارتاي تىلىمنى، رەزىللەرنىڭ ئالدىدا تىكىپ قوياي ئېغىزىمنى.»
ئۆزىنى خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم دەپ قارىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن كىشى ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ. بۇنداق ئىخلاسمەنلىكنىڭ قىلچە قىممىتى يوقتۇر.
سېنىڭ غەزەپلىرىڭ ۋە ھاكاۋۇرلۇقۇڭ قۇلىقىمغا يەتتى. مەن ئەمدى ئىلمىكىمنى بۇرنۇڭدىن ئۆتكۈزىمەن، ئېغىزدۇرۇقۇمنى ئاغزىڭغا سالىمەن. سەن قايسى يول بىلەن كەلگەن بولساڭ، سېنى شۇ يول بىلەن قايتۇرۇپ ئەكېتىمەن.»
سېنىڭ بۇ غەزەپلىرىڭ ۋە ھاكاۋۇرلۇقۇڭ مېنىڭ قۇلىقىمغا يەتتى. مەن ئەمدى قارمىقىمنى بۇرنۇڭدىن، ئېغىزدۇرۇقۇمنى ئاغزىڭدىن ئۆتكۈزىمەن، سەن قانداق كەلگەن بولساڭ، سېنى شۇ يول بىلەن قايتۇرۇپ ئەكېتىمەن.»
يەنە مەسىلەن، كېمە شۇنچىلىك چوڭ بولسىمۇ، يەنە كېلىپ كۈچلۈك بوران ئۇنىڭغا شۇنچە قاتتىق ئۇرۇلسىمۇ، لېكىن رولچى كىچىككىنە رول ئارقىلىق ئۇنى خالىغان يېرىگە ھەيدىيەلەيدۇ.
كىم ئۇنىڭ تېرىسىنى سويالايدىكەن؟ كىم ئۇنىڭ ئىككى قات ساۋۇتتەك تېرىسىنى تېشەلەيدۇ؟