Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ياقۇپ يازغان خەت 3:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ھەسەتخورلۇق ۋە شەخسىيەتچىلىك بولغانلا يەردە قالايمىقانچىلىق ۋە ھەر خىل رەزىللىكلەر بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ياقۇپ يازغان خەت 3:16
11 Referans Kwoze  

لېكىن، قەلبىڭلاردا ھەسەتخورلۇق ۋە شەخسىيەتچىلىك بولسا، ئەقىل-پاراسەتلىكمەن، دەپ ئۆزۈڭلاردىن ماختانماڭلار. ئەگەر ماختانساڭلار، يالغان سۆزلەپ، ھەقىقەتنى يوققا چىقارغان بولىسىلەر.


چۈنكى، سىلەر تېخىچە گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشاۋاتىسىلەر. ئاراڭلاردىكى ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرالارنىڭ بولۇشى بۇنى ئىسپاتلىمامدۇ؟ بۇ يەنە سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولمىغان كىشىلەردەك ياشاۋاتقىنىڭلارنى كۆرسەتمەمدۇ؟


جەم بولۇپ ئىبادەت قىلغىنىڭلاردا، قالايمىقانچىلىق بولمىسۇن. چۈنكى، خۇدا قالايمىقانچىلىق سالغۇچى ئەمەس، بەلكى تىنچلىق بەرگۈچىدۇر. مەن بىلىدىغان ھەرقايسى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەنە شۇنداقتۇر.


شەيتانغا مەنسۇپ بولۇپ، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلغا ئوخشاش بولماڭلار! قابىل نېمىشقا ئىنىسىغا ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى؟ ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى ناھەق، ئىنىسىنىڭ قىلغانلىرى ھەق بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان.


بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىك، ئۇرۇشقاقلىق، قىزغانچۇقلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، بۆلگۈنچىلىك، گۇرۇھۋازلىق،


پەرۋەردىگار بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ شەھەرنىڭ نامى بابىل [ئىبرانىي تىلىدىكى «قالايمىقانچىلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئاتالدى.


بۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. توپىلاڭچىلار پاۋلۇسنىڭ سەپەرداشلىرىدىن ماكېدونىيىلىك گايۇس ۋە ئارىستارخۇسلارنى تۇتۇۋېلىپ، ئالدىغا سېلىپ، ئۈستى ئوچۇق تىياتىرخانىغا ئېلىپ باردى.


لېكىن، ھەقىقەتنى رەت قىلىپ، يامانلىققا ئەگەشكەن شەخسىيەتچىلەرگە ئۇ غەزەپ-نەپرەت ياغدۇرىدۇ.


يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىمدىن چىقماي قېلىشىڭلاردىن، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سىلەرگە بولغان مۇئامىلەمنىڭمۇ سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىڭلاردىن چىقماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. سىلەردە جېدەلخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، تۆھمەتخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە پاراكەندىچىلىكلەرنىڭ بولۇشىدىن ئەنسىرەيمەن.


لېكىن ئونان تۇغۇلىدىغان بالا ئۆزىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ھەر قېتىم يەڭگىسى بىلەن بىر ئورۇندا ياتقاندا ئاكىسىغا نەسىل قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، مەقسەتلىك ھالدا مەنىنى سىرتقا ئاقتۇرۇۋېتەتتى.


بىر ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا جېدەل-ماجىرا قىلىشسا، ئۇ ئائىلە ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite