Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ياقۇپ يازغان خەت 2:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 خۇدانىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن ئەجدادىمىز ئىبراھىم ئۆز ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانلىق قىلماقچى بولغان ۋە بۇ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان ئەمەسمۇ؟

Gade chapit la Kopi




ياقۇپ يازغان خەت 2:21
21 Referans Kwoze  

- بىزنىڭ ئاتىمىز، ئەجدادىمىز ئىبراھىم، - دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار. - ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى بولساڭلار، ئىبراھىمنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى قىلغان بولاتتىڭلار!


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېتىقادىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان بەخت-سائادىتىگە ئېرىشىمىز. بۇ، بىز ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن كەلگەن. بۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ پۈتكۈل ئەۋلادلىرى، يەنى ئىبراھىمغا ئوخشاش ئېتىقاد يولىدا ماڭغانلار ئۈچۈن بېرىلگەندۇر. مەيلى ئۇلار يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن ياكى تەۋرات قانۇنىدىكى قائىدىلەر بويىچە ياشايدىغان يەھۇدىيلار بولسۇن، بۇ ۋەدە ھەممىسىنىڭ بۇ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. چۈنكى، ئىبراھىم بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ ئاتىسىدۇر.


ئۆز سۆزلىرىڭلار بىلەن يا ئاقلىنىسىلەر، يا گۇناھكار بولۇپ چىقىسىلەر.


بىز بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، خۇدا ئېتىقادىلا بولۇپ ئەمەلىيىتى بولمىغان ئادەمنى ئەمەس، بەلكى ئېتىقادى بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتى بىردەك بولغان ئادەمنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ.


لېكىن، بەزىلەر: «مەندە ئېتىقاد بولسىلا بولدى» دېسە، بەزىلەر: «ئېتىقاد بىلەن ئەمەلىيەت بىرگە بولۇشى كېرەك» دەپ ئۆزئارا تالىشىشى مۇمكىن. مەن ئاشۇ «مەندە ئېتىقاد بولسىلا بولدى» دېگۈچىلەرگە: «ئەگەر سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭ بولمىسا، ئۆز ئېتىقادىڭنى نامايان قىلالمايسەن. بىراق، مەن ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق ئۆز ئېتىقادىمنى نامايان قىلالايمەن» دەپ جاۋاب بېرىمەن.


ئەگەر خەتنە قىلىنغانلار، يەنى يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ خەتنە قىلىنغانلىقىغا تايانماي، ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا ئوخشاش، ئۇنىڭ خەتنە قىلىنمىغان ۋاقتىدىكى ئېتىقادى بويىچە ياشىسا، ئىبراھىم ئۇلارنىڭمۇ ئاتىسى بولىدۇ.


ئۇنداقتا، بىز يەھۇدىي ئەۋلادلىرى ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغانلىقىدىن نېمىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك؟


دېمەك، ھەرقانداق كىشى خۇدانىڭ ئالدىدا تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانمايدۇ. بەلكى، شۇ قانۇنغا تولۇق ئەمەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.


ئىستىپان مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەجدادىمىز ئىبراھىم تېخى مېسوپوتامىيە رايونىدىن ھاران شەھىرىگە كۆچۈپ بارمىغان ۋاقىتتا، شانۇشەۋكەتلىك خۇدا ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ:


ئەجەبا، سەن ئالەمدىن ئۆتكەن ئاتىمىز ئىبراھىمدىن ۋە ۋاپات بولغان باشقا پەيغەمبەرلەردىنمۇ ئۈستۈن تۇرامسەن؟ سەن ئۆزۈڭنى زادى قانداق ئادەم دەپ ھېسابلايسەن؟


«ئى بوۋام ئىبراھىم» دەپتۇ باي، «بۇ كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇلار بەك تەرسا. ئەگەر ئۆلگەن بىرەر ئادەم تىرىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسا، ئۇلار توۋا قىلىپ توغرا يولغا ماڭاتتى»


«ئى بوۋام ئىبراھىم، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! لازارنى ئەۋەتكەيسەن. ئۇ بارمىقىنىڭ ئۇچى بىلەن سۇ تېمىتىپ، تىلىمنى نەمدەپ قويغاي، چۈنكى مەن بۇ ئوت يالقۇنىنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن ئازابلىنىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىراپتۇ.


ئۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا: ˜مەن ئەۋلادلىرىڭنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزىمەن، ۋە ئۇلارنى ئۆمۈر بويى ئۆز ئالدىمدا، ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەققانىيلىق بىلەن، دۈشمەنلىرىدىن قورقماي، ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان قىلىمەنŒ دەپ قەسەم بەرگەن.


ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈڭلارچە: «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! چۈنكى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.


ئەجدادىڭلار ئىبراھىمنى، سىلەرنى تۇغقان سارەنى ئەسلەپ بېقىڭلار. مەن ئىبراھىمنى چاقىرغاندا، ئۇنىڭ پەرزەنتى يوق ئىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كۆپەيتتىم.


گۇناھسىز بىر ئىنسان يوقتۇر ئالدىڭدا، شۇڭا ئۆتۈنەي، مەن قۇلۇڭنى سوراق قىلما.


مەن ئەجدادىڭلار ئىبراھىمنى فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلدىم. ئۇنى باشلاپ كەنئاننىڭ پۈتۈن زېمىنىنى كېزىپ، ئىسھاقنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلىپ، ئىبراھىمنىڭ نەسلىنى ئاۋۇتتۇم.


ئىبراھىم خۇدا تەرىپىدىن سىنالغىنىدا، ئېتىقادى ۋەجىدىن ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىدى. گەرچە خۇدا ئۇنىڭغا، «مەن ساڭا ۋەدە قىلغان ئەۋلادلىرىڭ ئىسھاقتىن كېلىپ چىقىدۇ» دېگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىردىنبىر ئوغلىنى قۇربان قىلىشقا تەييار ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite