Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ياقۇپ يازغان خەت 2:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 لېكىن، بەزىلەر: «مەندە ئېتىقاد بولسىلا بولدى» دېسە، بەزىلەر: «ئېتىقاد بىلەن ئەمەلىيەت بىرگە بولۇشى كېرەك» دەپ ئۆزئارا تالىشىشى مۇمكىن. مەن ئاشۇ «مەندە ئېتىقاد بولسىلا بولدى» دېگۈچىلەرگە: «ئەگەر سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭ بولمىسا، ئۆز ئېتىقادىڭنى نامايان قىلالمايسەن. بىراق، مەن ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق ئۆز ئېتىقادىمنى نامايان قىلالايمەن» دەپ جاۋاب بېرىمەن.

Gade chapit la Kopi




ياقۇپ يازغان خەت 2:18
20 Referans Kwoze  

ئاراڭلاردا كىم ئەقىل-پاراسەتلىك بولسا، ئۇ ئۆز ھاياتىدا كەمتەرلىك بىلەن قىلغان ياخشى ئىشلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى كۆرسەتسۇن.


بىزنىڭ بۇنداق بۇيرۇق قىلىشىمىزدىن مەقسەت، پاك قەلب، ساپ ۋىجدان ۋە چىن ئېتىقادتىن كېلىپ چىققان مېھىر-مۇھەببەتنى باشقىلارغا كۆرسىتىشىڭلار ئۈچۈندۇر.


قېرىنداشلىرىم! ئەگەر بىر كىشى ئاغزىدا، «مەن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتمىسە، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ ئۇ بۇنداق ئېتىقاد بىلەن قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشەلەمدۇ؟


بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، پەقەت مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئېتىقادلا مۇھىم، دەپ قارايمىز.


ئۆزۈڭمۇ ھەرقانداق ئىشتا ياخشى ئەمەلىيىتىڭ بىلەن ئۇلارغا ئۈلگە بول. پاك نىيەت، سالماقلىق،


لېكىن، بىرەر يېمەكلىككە شەك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، يەنە شۇ يېمەكلىكنى يېگەن كىشى ۋىجدانىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزى يېگەن يېمەكلىكنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمىدى. توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ يوق ھالدا قىلىنغان ھەرقانداق ئىش گۇناھتۇر.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى دوستلارچە كۈتۈۋالغاچقا، خۇداغا ئىتائەت قىلمىغان ئۆز شەھىرىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلمىدى.


ئۇلار ئېتىقادى بىلەن ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى بويسۇندۇردى، ئادىللىق بىلەن دۆلەت باشقۇردى، خۇدا ۋەدە قىلغانلارغا ئېرىشتى، شىرلار ئۈستىدىن غالىب كەلدى،


دېمەك، ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، خۇدانىڭ ئالدىغا كېلىدىغان كىشى ئۇنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنى ئىزدىگەنلەرگە ئىزدەش ئەجرىنى قايتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك.


گەرچە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىم بولسىمۇ، دۇنيانىڭ پۈتكۈل سىرلىرىنى بىلسەممۇ، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىملەرگە ئىگە بولساممۇ ۋە تاغلارنى ئورنىدىن قوزغىتالايدىغان كامىل ئىشەنچىم بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، ھېچنېمىگە ئەرزىمەس بىر ئادەم بولۇپ قالىمەن.


دېمەك، خۇدانىڭ بىزنى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشىمىز بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.


قەدىرلىك قېرىنداشلار، بۇ ۋەدىلەرگە ئېرىشكەنىكەنمىز، تەننى ۋە روھنى بۇلغايدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇپ ئۆزىمىزنى پاك تۇتايلى. خۇدادىن ئەيمەنگەن ھالدا ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي خۇداغا ئاتايلى.


بىر كىشى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولىدىكەن، ئۇ يېڭىدىن يارالغان ئادەمدۇر. ئۇنىڭ كونا ھاياتى ئاخىرلىشىپ، يېڭىسى باشلانغان بولىدۇ.


يىغىنچاقلاپ ئېيتساق، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەمدى گۇناھقا مەھكۇم قىلىنمايدۇ.


داۋۇت پادىشاھمۇ خۇدا بىر ئادەمدە ياخشى ئەمەللەرنىڭ بار-يوقلۇقىغا قارىماستىن ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىسا، ئۇ ئادەمنىڭ نەقەدەر بەختلىك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېگەن:


بۇنداق بولغاندا، بەلكىم ئاراڭلاردىن بەزىلەر ماڭا: «ھەممە ئىشنى خۇدا بەلگىلەيدىغان تۇرسا ھەمدە بىز ئۇنىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىقالمايدىغان تۇرساق، خۇدا نېمە ئۈچۈن يەنە بىزنى ئەيىبلەيدۇ؟» دېيىشى مۇمكىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite