Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ياقۇپ يازغان خەت 2:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 شۇڭا، پەقەت ئېتىقادلا بولۇپ، ئۆز ئېتىقادىغا ماس كېلىدىغان ئەمەلىيىتى بولمىسا، بۇنداق ئېتىقادنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر.

Gade chapit la Kopi




ياقۇپ يازغان خەت 2:17
9 Referans Kwoze  

روھى يوق تەن ئۆلۈك بولغىنىدەك، ئەمەلىيىتى يوق ئېتىقادمۇ ئۆلۈكتۇر.


قېرىنداشلىرىم! ئەگەر بىر كىشى ئاغزىدا، «مەن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتمىسە، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ ئۇ بۇنداق ئېتىقاد بىلەن قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشەلەمدۇ؟


بىزنىڭ بۇنداق بۇيرۇق قىلىشىمىزدىن مەقسەت، پاك قەلب، ساپ ۋىجدان ۋە چىن ئېتىقادتىن كېلىپ چىققان مېھىر-مۇھەببەتنى باشقىلارغا كۆرسىتىشىڭلار ئۈچۈندۇر.


مانا بۇ دۇنيادا ئېتىقاد، ئۈمىد ۋە مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچى داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ بولغىنى مېھىر-مۇھەببەتتۇر.


خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىدا ئېتىقادىڭلاردىن كەلگەن ياخشى ئىشلىرىڭلارنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بىلەن سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارنى ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ئۈمىدىڭلاردىن كەلگەن سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىڭلارنى دائىم ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمىز.


گەرچە پۈتۈن مېلىمنى سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتسەممۇ، ھەتتا خۇدانىڭ خىزمىتىدە جېنىمنى قۇربان قىلىپ، تېنىمنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشىگە رازى بولساممۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، بۇ قىلغانلىرىمنىڭ ماڭا ھېچ پايدىسى يوقتۇر.


بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، پەقەت مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئېتىقادلا مۇھىم، دەپ قارايمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite