Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ياقۇپ يازغان خەت 2:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15-16 ئەگەر قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى ئاچ-يالىڭاچ قالسا، ئۇنىڭغا: «خۇدا قورسىقىڭنى توق، كىيىمىڭنى پۈتۈن قىلسۇن، ئامان بول!» دەپ قويۇپلا، ھاجىتىدىن چىقمىساڭلار، بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟

Gade chapit la Kopi




ياقۇپ يازغان خەت 2:15
11 Referans Kwoze  

- ئىككى قۇر كىيىمى بارلار بىر قۇرىنى يوقلارغا بەرسۇن، يەيدىغىنى بارلارمۇ شۇنداق قىلسۇن، - دەپ جاۋاب بەردى يەھيا پەيغەمبەر.


يېمەكلىكلىرىڭلارنى ئاچلارغا بۆلۈپ بېرىش، سەرگەردانلارنى ئۆيۈڭلەردە قوندۇرۇش، يالىڭاچلارغا كىيىم كىيىدۈرۈش ئەمەسمىدى؟ تۇغقانلىرىڭلاردىن يۈز ئۆرۈمەي، بەلكى ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئەمەسمىدى؟


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقاد جەھەتتە باي قىلىش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، تاللىدى.


ئاچلارغا شاپائەت كۆرسەتسەڭلار، جاپا-مۇشەققەتتىكى ئادەملەرگە ياردەم قىلساڭلار، قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدىغان نۇر بولىسىلەر، تۈنلىرىڭلار چىڭقى چۈشتەك بولىدۇ.


چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى، ھەرە بىلەن ھەرىلىنىپ پارچىلاندى، قىلىچلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى، قوي-ئۆچكە تېرىلىرىنى يېپىنچا قىلغان ھالدا سەرسان بولۇپ يۈردى، نامراتلىقتا ياشىدى، زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىدى، خورلاندى.


كەمبەغەللەر دائىم ئاراڭلاردا، ئۇلارغا خالىغان ۋاقىتتا ياردەم قىلالايسىلەر. لېكىن، مەن ئاراڭلاردا دائىم بولمايمەن.


باشقىلارنى بوزەك قىلمىسا، ئەكسىچە باشقىلارنىڭ گۆرۈگە قويغان نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ بەرسە، ئوغرىلىق قىلمىسا، ئاچلارغا يېمەك-ئىچمەك، يالىڭاچلارغا كىيىم-كېچەك بەرسە،


ئۇ يەنە گرېكچە سۆزلىشىدىغان يەھۇدىيلار بىلەنمۇ سۆزلىشىپ، تالىشىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى.


ئەگەر مال-دۇنياسى بار بولغان كىشى قېرىندىشىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite