Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ياقۇپ يازغان خەت 2:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 چۈنكى، سىلەر باشقىلارغا رەھىم قىلمىساڭلار، سوراق قىلىنغاندا خۇدا سىلەرگىمۇ رەھىم قىلمايدۇ. باشقىلارغا رەھىم قىلغان بولساڭلار، خۇدانىڭ جازاسىغا ئەمەس، رەھىم قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىلەر.

Gade chapit la Kopi




ياقۇپ يازغان خەت 2:13
26 Referans Kwoze  

باشقىلارغا رەھىمدىل بولغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر.


بىراق، سىلەر باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرمىسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرمەيدۇ.


كىمكى قۇلاق سالمىسا كەمبەغەللەرنىڭ داد-پەريادىغا، ئۆزى داد-پەرياد قىلغاندىمۇ ھېچكىم جاۋاب بەرمەس ئۇنىڭغا.


- باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. سىلەرمۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرىمايسىلەر. باشقىلارنى ئەيىبلىمەڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى ئەيىبلىمەيدۇ. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.


ۋاپادارلارغا كۆرسىتىسەن ۋاپادارلىقىڭنى، ھەققانىي ئادەملەرگە ھەققانىيلىقىڭنى.


قايسى ئىلاھ ساڭا ئوخشاش كەچۈرۈمچان؟! قايسى خۇدا ساڭا ئوخشاش سۈرگۈندىن ھايات قالغان ئۆز خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەن؟ سېنىڭ غەزىپىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر، چۈنكى سەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتىن خۇرسەن بولىسەن.


خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى ۋە ساداقىتى ئېلىپ كېلەر ھەققانىيلىق ۋە ئامانلىقنى.


ماختىنىشقا توغرا كەلسە، مەن پەرۋەردىگارنى تونۇغانلىقى ۋە مېنى چۈشىنىدىغانلىقى بىلەن ماختانسۇن. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك مۇھەببەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىم بىلەن ماختانسۇن. مەن ھەم ئاشۇنداق ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەردىن خۇرسەن بولىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»


ئادونى-بەزەق: _ مەن ئىلگىرى 70 پادىشاھنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىنى كېسىۋەتكەنىدىم، ئۇلار مېنىڭ داستىخىنىمدىن ئاشقان تاماقلارنى تېرىپ يەيتتى. ئەمدى خۇدا قىلغانلىرىمنى ئۆزۈمگە ياندۇردى، _ دېدى. ئۇ يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئۆلدى.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، رەزىللەرنىڭ ھالاكىتىدىن خۇرسەن بولمايمەن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ يامان يوللىرىدىن يېنىپ، ھايات قېلىشىنى خالايمەن. ئەي ئىسرائىل خەلقى، يېنىڭلار، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىڭلار! نېمىشقا ئۆزۈڭلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىسىلەر؟


ئۆزئارا: «بۇرۇن بىز بىر ئىنىمىزغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۈگۈن بىز بۇ جازاغا دۇچار بولدۇق! ئەينى چاغدا بىز ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، يالۋۇرۇشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ پىسەنت قىلمىغانىدۇق. ئەمدى بىز بۇ بالا-قازاغا يولۇقتۇق!» دېيىشتى.


سىلەر ئېتىزلىقىڭلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئىش-ھەقلىرىگە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ كەلدىڭلار. ئۇلار ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. سىلەرگە ھوسۇل يىغىپ بېرىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ ئاھ-زارى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ قۇلىقىغا يەتتى.


«ئەي ئوغلۇم» دەپتۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم، «ھايات ۋاقتىڭدا ھالاۋەتنى يەتكۈچە كۆردۈڭغۇ! لازار بولسا ھەممە جاپانى تارتتى. ئەمدى ئۇ بۇ يەردە راھەت كۆرۈۋاتىدۇ، سەن بولساڭ ئازابلىنىۋاتىسەن.


شاخ-شۇمبىلار سۇنۇپ، قۇرۇپ قاقشال بولغاندا، ئاياللار تېرىپ ئەكېلىپ ئوتۇن قىلىدۇ. بۇ خەلق ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ياراتقۇچى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارغا شاپائەت قىلمايدۇ.


سىلەر يەنىلا مېنىڭ نەسىھەتىمگە قۇلاق سېلىپ، ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەلگەن قېرىندىشىڭلارنى قويۇۋېتىڭلار. ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بېشىڭلارغا كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.


قالار موھتاجلىقتا پەقەت، بايلىق ئۈچۈن يوقسۇلنى ئەزگۈچى، بايلارغا ھەم سوۋغات بەرگۈچى.


لېكىن، بىر ئادەمدە خۇدادىن كەلگەن ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن پاك، ئاندىن تىنچلىقپەرۋەر، خۇش پېئىل، كەمتەر ۋە رەھىمدىل بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتى ياخشى مېۋىلەر بىلەن تولغان بولىدۇ. ئۇ يەنە ئايرىمىچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلمايدۇ.


سوزۇلۇپ ياتتى يەردە سىسىرا، ياتتى يائېلنىڭ پۇتى ئالدىدا، جان بەردى ئۇ شۇ يەردىلا!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite